ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى چۆچەك شەھىرىدە باشلانغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، تەمىنات سودا كوپېراتىپى قاتارلىق تارماقلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئارقىلىق «دېھقانلارنى توزاققا دەسسىتىدىغان، دېھقانلارغا زىيان سالىدىغان» قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئېتىزلارغا، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلقى ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە «ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى «ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىكى ماددىي ئەشيالىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» ۋە «ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىدىكى ساختىلىققا زەربە بېرىش»تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىزمەت ئاساسلىق قانات يايدۇرۇلىدىكەن. يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى يېزا-كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى قانۇن-نىزاملىرى ۋە ساختىنى پەرقلەندۈرۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى مۇۋاپىق سېتىۋېلىش، ئىلمىي ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ساختىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدىكەن، تور ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ۋە سەييارە سودىگەرلەرنىڭ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان، ئىشلىتىش چەكلەنگەن دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش، بازارغا سېلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغدايدىكەن.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلاش نەق مەيدانى.
گۇڭ جىڭتىڭ فوتوسى
«يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۈپىتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك، دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك». ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەريانىدا، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىدا ساختىلىققا زەربە بېرىش بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى 7500129-0991، ھەر دەرىجىلىك ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونلىرىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، ئامما يەنە «12316» يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق نازارەت قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى