3-ئاينىڭ 18-كۈنى، كانادانىڭ ماكخام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى چېڭ ۋېنتاۋ، شى خاۋيۈ گۇرۇپپىسى 236.2292 يۇقىرى نومۇر بىلەن ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئۈزۈش تۈرىنىڭ تېخنىكىنى ئۆزى تاللاش تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، ئېرىشكەن نومۇرى ئىككىنچى بولغانلارنىڭكىدىن 42.5875 نومۇر ئېشىپ كەتتى. بۇ، جۇڭگو فىگورا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىدىكى ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئۈزۈش تۈرىدە قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر قېتىملىق بۆسۈش.
بۇ بېكەت دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 كوماندا، 200دىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىاشتى. دۇنيا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش تۈرىگە نومۇر قويۇش سىستېمىسى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تۇنجى مەيدان خەلقئارا مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئەر تەنھەرىكەتچى شى خاۋيۈ ھەم چېڭ ۋېنتاۋ، زاپاس تەنھەرىكەتچى جاڭ يىياۋدىن ئىبارەت ئىككى ئايال تەنھەرىكەتچىنى ئەۋەتىپ، ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئۈزۈش تۈرىنىڭ تېخنىكىنى ئۆزى تاللاش تۈرىدە يېڭى نومۇر قويۇش سىستېمىسى ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان يېڭى ئەسىرىنى سىناقتىن ئۆتكۈزدى.