تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم نەيكې تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى تىرېنېر: بىز سىرتقا چىقىپ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئويلايمىز

    3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «8-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى» دېيىلدى) شىئەنگە بېرىپ، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان 2022-2023-يىللىق نەيكې جۇڭگو تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي رايون مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، بۇ، 8-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم نەيكې تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

    3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، كامېرا ئارقىلىق كوماندىنىڭ جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك مەشىق دەرسىنى خاتىرىلىدى.

    «مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىمىز بولغاچقا، باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەردىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىمكانقەدەر سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىدۇق.» 8-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ياڭ شىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ۋاسكېتبولدا نەتىجە مەشىق قىلىشتىن ئەمەس، بەلكى مۇسابىقىلىشىشتىن قولغا كېلىدۇ، مۇسابىقىگە كۆپرەك قاتناشقاندىلا، ئاندىن كوماندىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.»

    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىن جەمئىي تۆت كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-ئوتتۇرا مەكتىپى ئوغۇللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

مۇخبىرلار: شۆ خۇي، ياڭ ۋېي

نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.