تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش

− شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش ھەم 1 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شۆبە يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ئاقسۇ دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز قوش ئەينەكلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى زاپچاسلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. □ پەن تىڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش ھەم 1 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر يىللىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسى چېلىندى.

مۇھىم، زور تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. شىنجاڭ ئىزچىل تۈردە «تۈرنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك» دېگەن بۇ ئورتاق تونۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

بەلگە خاراكتېرلىك 70 مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 400 نۇقتىلىق تۈر «يىللىق تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلدى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 8437سى يولغا قويۇلدى... 2023 - يىلى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىمەكتە.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئاساسىي موتور»ىنى قوزغىتىش

«بىز شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ياخشى پورت مۇھىتىنى تۇتۇپ، <ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك> روھى بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 120 كۈن ئىچىدە (1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشنى تىرىشىپ تاماملاپ، يىل ئىچىدە قۇرۇلۇشنى تۈگىتىپ ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۈ جۈننىڭ سۆز قىلغاندىكى ئاۋازى جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك بولدى.

ئىشلار باھاردا باشلاندى، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ!

شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە بەلگە خاراكتېرلىك 70 مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئومۇمىي سېلىنما 289 مىليارد يۈەن.

لۈ جۈن مەسئۇل بولغان شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى تۈرى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، باقتۇ پورتىدىن ئۆتىدىغان مال تۈرلىرى يەنىمۇ بېيىتىلىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، تۈرلۈك ئەشيا ئوبوروتى بايلىقى توپلىنىپ ۋە بىرىكتۈرۈلۈپ، رايون ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ۋە ئىمپورت قىلىپ پىششىقلاش سانائىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتىدە، جىكبېلېڭ دۆلەت قار - مۇز ساياھىتى بازىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنىڭ كاسات مەزگىلى ۋە ئاۋات مەزگىلى ئېنىق بولۇشتىن تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دائىم ئاۋات بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ <تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى>نى بېسىپ، ئالتاي ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخشى <ئاساسىي قوشۇن> بولۇپ، شىنجاڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز» دېدى شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر يۈ گۇاڭپۇ.

ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، شىنجاڭ تۈرلەردىكى «ھۇجۇم ۋەزىيىتى»نى بالدۇرلا شەكىللەندۈردى.

«دىققەتنى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىز تۈر قۇرۇلۇشىدا <قىشتا ئاساس سېلىش>، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇلازىمىتىگە تۈرتكە بولۇش، تۈرنىڭ بىرىنچى سېپىدە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يۈرۈشلۈك ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىلا، تۇرپان شەھىرى 2023 - يىللىق 1 - پەسىللىك مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى. ئارقىدىن، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى مۇھىم، زور تۈرلەردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلىنىپ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئاساسىي موتور»ى قوزغىتىلدى.

قەدەم ئېلىش بىلەنلا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن يىلدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش غەيرىتى ئۇرغۇتىلدى؛ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىدىغان ھالەت ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 3891 ىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن.

مۇقىم ئېشىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»نى مۇستەھكەملەش

سېلىنما ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم تىرەكلىك رول ئويناۋاتىدۇ، تۈر قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچ.

2022 - يىلى، شىنجاڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇدا تۆت پەسىل «ئىش باشلاش بۇرغىسى»نى چالدى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ - ئالاتاۋ بۆلىكىنىڭ 2 - لىنىيەسى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى، شۇنداقلا ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىمغا دۇچ كېلىشتەك زەربە ئاستىدا، مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش يەنىلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئۇل تاش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

«2023 - يىلى، بىز مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى <تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق> رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن.

دىققەتنى «مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان - ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە 1 - قېتىملىق سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن كۈچ، پۈتۈن سۈرئەتتە تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 1 - پەسىللىك مەبلەغ سېلىشتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى.

مۇشۇ يېقىندىلا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇ يىل جەمئىي 400 نۇقتىلىق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى، بۇ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ.

قاراماي شەھىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مايتاغ رايونىنىڭ بالون پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يەرلىك نېفىت خىمىيە سانائىتى تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سانائەت مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.

«بىز يەنە بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مىليون مو شورلۇق تۇپراقنى ياخشىلاشنى پائال يولغا قويۇپ، شورلۇق يەر ۋە چۆللۈكنى ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئوت - چۆپ تېرىيدىغان مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى ئاقتۇ ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى تۈرىگە مەسئۇل تەرەپ شەندۇڭ باۋلەيلىلەي بىيو قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شەن باۋلۇڭ.

بۈگۈنكى تۈر دېمەك ئەتىكى تەرەققىياتتۇر.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتى كارخانىچىلارنى يادرولۇق ئورۇندا تۇرغۇزۇپ، باش رولچى قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەم كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى، ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

ئەلا مۇھىت، كۈچلۈك مۇلازىمەت بىلەن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش

تۈر كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پەقەت مۇلازىمەتنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلىگەندە، چوڭ كارخانا، ياخشى تۈرلەرنى تۇتۇپ قالغىلى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق تونۇشتۇردى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە «ئالتە چوڭ ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى» قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىم، زور تۈر، مۇھىم، زور سۇپا، مۇھىم، زور كەسىپ، مۇھىم، زور ئىسلاھات، مۇھىم، زور سىياسەت، نۇقتىلىق مۇھىم ئامىللاردىن ئىبارەت «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» ئوتتۇرىسىدىكى سىستېمىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغى جەھەتتە، دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتىدىن تولۇق، يېتەرلىك پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ۋە چوڭايتىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ مەبلەغ سېلىش سىياسىتى مەدىتىدىن بىر تۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىش باشلاش تۇتۇلدى، چىقىم قىلىش تۇتۇلدى، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى تۇتۇلدى.

ئاپتونوم رايون يەنە خەلق ئىچى سېلىنمىسى ۋە رايون سىرتى سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ساھەلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ساقلانما مۈلۈكنى پائال جانلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى REITs (كۆچمەس مۈلۈك سېلىنمىسى ھاۋالە فوندى)نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۈر قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان تارماقلار كۆپ، تەرتىپى مۇرەككەپ، دەۋرىيلىكى ئۇزاق، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تارماقلار ئارا، تارماقلار بىلەن رايونلار ئارا يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ھەمتۈرتكە بولۇشقا ئېھتىياجلىق.

سىياسەتلەرنىڭ توپلىنىشى، تۈرنى پىلانلاش، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش، تۈر مۇلازىمىتى، تۈر جەلپ قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون يەنە تۈر قۇرۇلۇشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ يولغا قويۇشنى باشلايدۇ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە خەت ئەۋەتىپ خەۋەرلەندۈرۈپ تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ ئەڭ ئاۋۋال قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق تۈرلۈك ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

«بىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنى قەلبكە پۈكۈپ، مۇلازىمەت ئېڭى، تەرەققىيات ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجادىي ئىجرا قىلىشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تايانچ كۈچلۈك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز» دېدى ۋاڭ كۇيرەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.