تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ» «ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ − شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئەھۋالى خاتىرىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمىنى كۆرسىتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇانىڭ شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تەشكىللەپ سۈرەتكە ئالغان تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ» ۋە «ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ − شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئەھۋالى خاتىرىسى» 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

ئىككى تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمىنىڭ ۋاقتى بىردەك 45 مىنۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ»دا خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، رۇسىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەشتەك ئاددىي ھېكايىلىرى خاتىرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىيەتنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىشەنچلىك، قەدىرلىك، سۆيۈملۈك شىنجاڭ ئوبرازى نامايان قىلىنغان. بۇ فىلىم 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 18دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىدۇ، سائەت 22دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە قايتا كۆرسىتىلىدۇ.

«ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ − شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئەھۋالى خاتىرىسى»دا چەت ئەللىك رىياسەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئادەتتىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشى ۋە خاتىرىلىشى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولغانلىقى، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالغانلىقى، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان. بۇ فىلىم 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 18دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىدۇ، سائەت 22دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە قايتا كۆرسىتىلىدۇ.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى تىللاردىكى قاناللىرىدىمۇ ئىككى تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى كۆپ قېتىم كۆرسىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.