تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

رەئىس شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە «بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

خەلقچىللىق − ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، خەلقنىڭ مەيدانى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كېلىپ، خەلققە تايىنىپ گۈللىنىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇپ، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، پارتىيەمىز مەيلى قانچە چوڭ خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچە زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇردى، قىلچە تەۋرەنمىدى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى بۇ 10 يىلدا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە، ئاندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشتەك مۆجىزىنى يارىتىشقىچە... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» ئىكەنلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، «ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش − <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» دېگەنگە ئەمەل قىلىپ، «خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت قۇدرەت تاپقان، مىللەت گۈللەنگەن، خەلق بەختلىك بولغان گۈزەل سەھىپىلەرنى يېزىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى، يۈكسەك ئىشىنىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مەھكەم ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور پىرىنسىپنىڭ بىرى قىلىندى. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان نەزەرىيە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللار سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، «جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش» «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تا باش ئورۇنغا قويۇلدى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلغاندىلا، تەرەققىياتنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن توغرا بولغان تەرەققىيات قارىشى، زامانىۋىلىشىش قارىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران - چاپقۇن ياكى دەھشەتلىك بوران - چاپقۇن بولسۇن، خەلق مەڭگۈ پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچى، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچى. بىز باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە، پارتىيە ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلالايدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسەت - تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىجادچانلىق ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ پارتىيەسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى دەل پۇقرالارغا ئىش قىلىپ بېرىش، پۇقرالارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.» بۇ مۇساپىدە پارتىيەمىز خەلققە زىچ تايىنىپ ئارقا - ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە زىچ تايىنىپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىگەندىلا، چوقۇم باتۇرانە ئالغا باسىدىغان، قەتئىي يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.