تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى ۋە گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 5 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، 2023 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى باشتىن - ئاخىر قەلبكە پۈكۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئورگانىك يېشىل يېمەكلىك ماركىلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا قويۇپ، ئاشلىق - ياغ، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خاس يېمەكلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتا «مىڭ كارخانا، ئون مىڭ ھۈنەرخانا» ياردەم قىلىش - يۆلەش ھەرىكىتى ۋە «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى ماركا قۇرۇلۇشىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان، ئىشلىتىش چەكلەنگەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىشنى تۈزەش، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقلىرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» ۋە «تۆمۈر مۇشت» «كوئېنلۇن» قاتارلىق مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن زەنجىرنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ توردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈش كېرەك؛ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بالدۇر مەلۇم قىلىش، تېز مەلۇم قىلىش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەسىلىلەرنى چەكلىك مۇددەتتە ھەل قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە مەكتەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى، دوختۇرخانا، قۇرۇلۇش ئورنى، يېزا قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا چېتىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. «دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بەرپا قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بويىچە بىخەتەر ناھىيە بەرپا قىلىش» ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، «ھۆددىگە ئېلىش - قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان ئاپپارات بولۇش، ئىش قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش، باھالاش - تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» قاتارلىق باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقنى ياقلايدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، مەردان مۇقىيىت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.