تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن تېز ئىلگىرىلەپ، تۈر قۇرۇلۇشى يېڭى دولقۇنىنى قوزغايلى

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

باھار شامىلى بۇيرۇق ئېلىپ كەلدى، ئىش باشلاشنىڭ دۇمباق ئاۋازى ياڭرىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، 2023 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - پەسىلدىكى مۇھىم، زور تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى جايلارنى دىققەتنى تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش يولىدا، يەنە بىر قېتىم تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشى يېڭى دولقۇنى قوزغالدى.

مۇھىم، زور تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «كۈچلۈك موتورى» «مۇستەھكەم تىرىكى». ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇدا تۆت پەسىل «ئىش باشلاش سىگنالى»نى ياڭراتتى، ھەرقايسى جايلار تۈرلەرنى تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇردى، پۈتۈن بىر يىلدا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان جەمئىي 3433 مۇھىم، زور تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن بولدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ قېتىم مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئىش باشلانغان مۇھىم، زور تۈرلەردە مەۋقە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، دىققەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، بۇ تۈرلەر خەلق تۇرمۇشى، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، ئېنېرگىيە ئۈنۈم سەۋىيەسى يۇقىرى، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ مۇھىم، زور تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ باھاردىكى ھەرىكەتكە كېلىش بۇيرۇقىنى بېرىش − ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىلدا كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادتا «تۇنجى ئىشنى ياخشى باشلاش»قا ئاتلىنىش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت.

تۈرنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. 1 - پەسىل پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى، ئىقتىسادتىكى ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى كۆزلەپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاشۇرۇلما تۈرلەرنى زورايتىپ، ساقلانما تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «ئاساسىي موتور»ىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، قاتتىق ئىشلەش، تېز ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن ھالەتتە 1 - پەسىلدىكى «تۇنجى ئىشنى ياخشى باشلاش»تىن پۈتۈن يىللىق ئېشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى نەق مەيدانى ھەم تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىدىغان جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا تىجارەت - سودا مۇھىتى جەھەتتە بەسلىشىدىغان مۇسابىقە مەيدانى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پىلانلاشنى تۇتۇپ دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى تۇتۇپ ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان، ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. «مۇھىم ئامىللار تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى مۇھىم ئامىللىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە تېزدىن ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، چوڭ كارخانىلار، ياخشى تۈرلەرنى تۇتۇپ قېلىشقا، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

باشلىنىشىدىلا تېز تۇتۇش قىلىش، قەدەم ئېلىش بىلەنلا ئاتاكىغا ئۆتۈش. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم، زور تۈرلەردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.