تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىمىز

− مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى

[ئىستون سۆزى]

2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غەلىبىلىك يېپىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، يېڭى مۇساپە باشلاندى، يەلكەن چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، زاۋۇتلاردىن ئېتىزلارغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جان تىكىپ ئېلىشىش ھالىتى، بۆسۈپ ئۆتۈش غەيرىتى بىلەن يېڭى مۇساپىنىڭ «باھار كۈيى»نى ياڭراتتى.

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئۇلۇغ ئىش. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نەزەر» ئىستونى ئېچىلدى، بۇ ئىستوندا ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قىزغىن ئەمەلىيىتى خەۋەر قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ۋە خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى جانلىق نامايان قىلىنىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئەمدىلا يېپىلدى، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئېنىق پىلانى بار بولدى: مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشىمىز.

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ ۋېنشيۇ بېيجىڭدىن شىنجاڭغا قايتقان ئايروپىلاندا خاتىرە دەپتىرىنى ئېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن لېكسىيە ماتېرىيالى تەييارلىدى. كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئۇ جىڭ ناھىيەسىدە كۆپ مەيدان لېكسىيە سۆزلەيتتى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش.» ۋۇ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئولتۇراق مۇھىتىنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىش كېرەك. «قايتىپ بارغاندىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرىگە يەر ئوبوروتىنى قانات يايدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، يەردىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىشتىن قىلغان كىرىمىنى ئاشۇرىمەن. يەنە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىچىك ھويلا - ئاراننى <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ>كە ئايلاندۇرىمەن».

تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى مۇختەبەر ئابدۇل چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يىغىن غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى، قەلبىمىزنى روھلاندۇردى، يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىمىزنى كۈچەيتتى، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشىمىزنى مۇجەسسەملىدى. كېيىنكى قەدەمدە بىرىنچى ۋاقىتتا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېزىپ چىقىمەن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئايىمسا توختاخۇن ئۇلۇغچات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل تەييارلىدى؛ ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. «سىياسىي كېڭەش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن.» ئايىمسا توختاخۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە تەشكىللەيمەن، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىمەن.

«شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئاساسىي قاتلام ئەزالار ئالاقە باغلاش پونكىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەزالارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ناھىيە رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ ۋە مەسلىھەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەزالارنى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئايىمسا توختاخۇن.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. ئەزا ما خۇادۇڭ نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قەلبى چەكسىز ھاياجانغا تولدى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى <تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، تەكلىپ بەرمەسلىك> پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئادىل، قېلىپلاشقان قانۇنچىل مۇھىت بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن پىكىر ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر يۈرگۈزۈشىنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.» ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت كۆرسىتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.