تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى − سىستېمىسى مۇكەممەل، قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپپاراتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپپاراتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، ئايلىنىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەركەز پۇل مۇئامىلە كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ. مەركەز پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، مەركەز پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىغا ئۆزگەرتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپپاراتى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ. مەركەز پەن - تېخنىكا كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىدارىسىدىن گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتقا تەڭشىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئايرىم تەسىس قىلىنغان گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئەمدى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇش.

گوۋۇيۈەن ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ. دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى يەنىلا پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىدا دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئەمدى ساقلاپ قېلىنمايدۇ. دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ، جۇڭگو بانكا - سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئەمدى ساقلاپ قېلىنمايدۇ. يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى مەخسۇس باشقۇرىدۇ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىدارىسى، پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى قاتارلىق ۋىۋىسكىلار ئەمدى قوشۇپ ئېسىلمايدۇ. جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ تەڭشىلىدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتى ئىسلاھاتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ. دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىغا دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى قوشۇپ ئېسىلىدۇ. ئايرىم تەسىس قىلىنغان دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى ئەمدى ساقلاپ قېلىنمايدۇ. ياشانغانلار خىزمىتى تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھە ئايرىمىسىنى تەسىس قىلىش ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھە ئايرىمىسىدا «مۇھىت - بايلىق ساھەسى» كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى» بىلەن «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» ساھە ئايرىمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» ساھە ئايرىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ. «ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار» ساھە ئايرىمىسىنىڭ ئەزالار قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتى ئىخچاملىنىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتى بىرتۇتاش %5لىك نىسبەت بويىچە ئىخچاملىنىدۇ، قايتۇرۇۋېلىنغان ئىشتات ئاساسلىقى نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

«لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ. يەرلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىسلاھات لايىھەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. مەركەز قاتلىمىنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى 2023 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، يەرلىك قاتلامنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى 2024 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.