تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەم چىرايلىق ھەم جەسۇر! شىنجاڭ تۆمۈريولى «ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق مەخسۇس پويىزىنىڭ خادىملىرى قالتىس نامايان بولدى

3-ئاينىڭ 17-كۈنى 

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆپەيتكەن 

2023-يىللىق تۇنجى «ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق مەخسۇس پويىز يولغا چىقىدۇ

​يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن باشقا 

يەنە تېخىمۇ گۈزەل 

ئاچا-سىڭىللار بار

بۈگۈن 

«ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق گاۋتيې پويىزىدا 

بىز كۆرۈشكە تەقەززا بولغان

پويىز خادىملىرىنى كۆردۇق 

پويىز خادىملىرى كىيگەن قارامتۇل يېشىل رەڭلىك فورما پەلتونىڭ

ئوڭ مۈرىسىگە ئالتۇن رەڭلىك سىزىقچىسى بار ئەتىرگۈل چۈشۈرۈلگەن بولۇپ 

پويىز خادىملىرىنىڭ 

«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار»نى كۈتۈۋېلىشتىكى ياشلىق ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى 

ئوچۇق سۆسۈن رەڭلىك فورما كۆينىكىگە 

ماسلاشتۇرۇلغان قىزىل رەڭلىك كوپتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى 

كوپتىسىغا «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» خېتى بېسىلغان بولۇپ 

يولۇچىلارغا قىزغىن، ئىللىق بولغان تۇنجى تەسىراتنى قالدۇردى 

پويىز خادىملىرى چىرايلىق، جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان فورما كىيىپ

«ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق پويىزدىكى يولۇچىلارغا 

تېخىمۇ سەمىمىي مۇلازىمەت قىلدى

 «ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق پويىزنىڭ قاتنىشى 

يولۇچىلارنى «تېز كېلىپ ئاستا ساياھەت قىلىش»تەك 

ساياھەتكە چىقىش يېڭى ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى 

​ساياھەتچىلەر بەخىرامان ھالدا 

ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى قىلىپ، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە

«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار»نىڭ

گۈزەللىكى ۋە ھۇزۇرىنى ھېس قىلىدۇ

پويىزدا پويىز خادىملىرىنىڭ

ئىنچىكە، سەمىمىي كۈتۈۋېلىشلىرى 

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 

يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى تارقىتىپ 

سەپەر جەريانىدىكى 

يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى

 «ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق پويىزدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغىنى 

شىنجاڭ تۆمۈريولى 

ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسى 

«يىپەك يولى ئاياللار ئوق پويىز گۇرۇپپىسى»نىڭ خادىملىرى بولۇپ 

ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش 

بوي ئېگىزلىكى ھەممىسىنىڭ 167 سانتىمېتىردىن ئېگىز بولۇپ 

جۇشقۇن، قىزغىن، ھاياتىي كۈچكە تولغان كوللېكتىپ 

ھەر بىر گۇرۇپپىغا بىر پويىز باشلىقى، ئۈچ پويىز خادىمى سەپلەنگەن 

بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئاز سانلىق مىللەت پويىز خادىمى 

«ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق يولۇچىلار پويىزىدا ساياھەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇشتەك 

ساياھەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ 

خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، ئۇيغۇرتىلىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ

يولۇچىلارغا 

تېخىمۇ ئەتراپلىق، راھەت، قولاي ئوق پويىز سەپىرى

مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى 

نەپىس گىرىملىرى 

يېقىملىق تەبەسسۇمى ۋە تولۇپ تاشقان تەقەززاسى بىلەن 

پويىز خادىملىرى پويىزدىكى 

ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدى 

يۈك-تاقلارنى يۈدۈپ 

ماڭىمەن دەپلا ماڭىدىغان ئۇچرىشىشقا بارايلى 

3-ئاينىڭ 17-كۈنى 

بىز بىرلىكتە «ئۆرۈك چېچىكى» ناملىق پويىزدا ئۇچرىشايلى!

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.