تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش —— چۆرۈقۇم مەشرىپى ئوينايلى

  چۆرۈقۇم مەشرىپى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى چۆرۈقۇم كەنتى ۋە قەدىمئايماق كەنتىدىكى خەلق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئىجاد قىلغان، دولان مەشرىپىنىڭ بىر خىلى. ئۇ ئۇسسۇل، ساز چېلىش، نەزمە، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرگە ئىگە، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئىچى كۆڭۈل ئېچىش شەكلى.  

  «چۆرۈقۇم» قۇملۇقتىكى سۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «چۆرۈقۇم مەشرىپى» قۇملۇقتىكى سۇنى چۆرىدەپ ئويۇن قويۇشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مەشرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش بولۇپ، مەشرەپلەر ئىچىدە خاسلىق ياراتقان. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مەشرىپى (ئۇيغۇر چۆرۈقۇم مەشرىپى) گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېڭەيتىش تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  ئاقسۇ شەھىرى چۆرۈقۇم مەشرىپىنى يەنىمۇ قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، قاراتال بازىرىدا ئاقسۇ شەھەرلىك دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «چۆرۈقۇم مەشرىپى»گە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، رېپېتىتسىيە قىلدى، ئويۇن قويدى، ئۆگەتتى، بۇ مەركەز دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بازىسىغا ئايلاندى.

  قاراتال بازىرى 2005-يىلى قاراتال بازىرى خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇردى، 2020-يىلى 7-ئايدا، قوشۇننى سەرخىللاشتۇرۇپ، «چۆرۈقۇم مەشرىپى» ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر يىلى قەرەللىك ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى «چۆرۈقۇم مەشرىپى» ھەۋەسكارلىرىنى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

رېژىسسور: جاڭ ئاۋ

ئوپېراتور: جاۋ چاڭفۇ

​ئىشلىگۈچى/تەييارلىغۇچى/ تەرجىمە قىلغۇچى: سۇبات ئاسىخان

قىسمەن ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسى: ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

نازارەتچىلەر: شۆ جىڭ، ۋاڭ چىمىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.