تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلاش

− خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە يۈكسەك باھا بەردى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇشىمىز، شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. پۈتۈن يەرشارىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلەرگە سۆزنىڭ مەزمۇنىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا تارقاتتى.

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشقىچە؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشتىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماسلىققىچە؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشتىن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە، خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىن جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، دۇنياغا يېڭى پۇرسەت بېغىشلاش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ھېس قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ دۇنياغا ئىلھام ۋە ئۆرنەك بېغىشلىغانلىقىنى ھېس قىلدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، دۇنياغا يېڭى پۇرسەت بېغىشلاش

100 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئاقلىدى، جۇڭگو خەلقى ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ ئېنىق تەرەققىيات يولى جۇڭگو بىلەن زىچ باغلانغان دۇنيانى كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن «قازاقىستان ئوقەتچىلىك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى سېرىك كېرىمبايېف جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېز ئالغا سىلجىتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ھېس قىلدى. «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگو رەھبىرىنىڭ زور مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى».

2 - ئاينىڭ ئاخىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاجلان قېرىنداشلار پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى مۇھەممەد ئەل ئاجلان يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، كارخانىلار ھەمدە ئاجلان گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو شەندۇڭدىكى زاۋۇتىدا زىيارەتتە بولدى. «مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشقا تولۇق ئىشەنچىم بار،» ئاجلان مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا ئاشىدىغانلىقىغا، بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشانلارنىڭ بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

«جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.» تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش شۆيۈەنى جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىمىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردى، تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن داۋاملىق مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ؛ يېڭى ئېنېرگىيە ۋەكىللىكىدىكى يېڭى تېخنىكا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسى ھەمدە جۇڭگو - لائوس - تايلاند تۆمۈريولى ۋەكىللىكىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرى قاتارلىقلار رايون دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالېكساندىر لومانوف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى قايتا تەكىتلىدى. دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلايدۇ.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك كابار ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق باشلىقى كۇبان تائابالدىيېف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلدى. «جۇڭگودا مەن بىرقانچە چوڭ تىپتىكى كارخانىدا زىيارەتتە بولغان، ئۇ يەردە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى نۇرغۇن ساھەدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭماقتا. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يەنىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ».

مۇھىت قوغداش ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 21 يىل بولغان كامېرون جانلىقلار بايلىقىنى ئېچىش ۋە قوغداش تۈرىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئاۋگۇستىن نىجاش مۇنداق دېدى: «جۇڭگودا، مەن جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، مۇھىت قوغداشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئۈلگە: جۇڭگوغا ئوخشاش تىرىشىپ تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، مۇھىتنىڭ مۇھىملىقىنى ھەرۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك».

پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ئىلھام بېغىشلىدى

«خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش» «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش» «باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش» «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماسلىق»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى توغرىسىدىكى بايانلار ھەرقايسى دۆلەت زاتلىرىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

«<سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ>، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئىزچىل ھەم چوڭقۇر بولغان خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.» ئىيوردانىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سامىر ئەخمەد مۇنداق دېدى: «نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقىچە، جۇڭگو خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ھالقىما يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى».

ئۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور پۇرسەت بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشەندى.

ئىلگىرى جۇڭگودا كۆپ يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۆگىنىشتە بولغان گىرېتسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى پالاگىيە كاپاسىيوتاكى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش»قا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ جۇ شىنىڭ «تۆت كىتابقا ئىزاھات» دېگەن كىتابىدىكى «دۆلەتتە خەلقنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق جۇڭگو سىياسىي پەلسەپەسىنىڭ يادروسى، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش مەقسىتى ۋە مەزمۇنى.

«خەلقنى ھەقىقىي مەركەز قىلغان - قىلمىغانلىقتا خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىدە ياخشىلىنىش بولغان - بولمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىنىڭ قاندۇرۇلغان - قاندۇرۇلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ دەل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى» دېدى كاپاسىيوتاكى.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.» لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىڭ پېي مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىچىدىكى بۇ سۆزىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. «جۇڭگو (كوممۇنىستىك پارتىيە)نىڭ كادىرلار قوشۇنى كۈچلۈك ئىنتىزامچانلىقى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلدى. تەدبىرى دانا، قەدىمى مۇستەھكەم، ئىتتىپاقلاشقان، بىرلىككە كەلگەن بۇنداق پارتىيە دەل جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى».

كامېروننىڭ سابىق ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئېۋېس نىگور. نىگور مۇنداق دېدى: «مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان رەھبەرلىك، چىرىكلىككە قەتئىي يول قويماسلىق، ياخشى قانۇن چىقىرىش قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. كامېرون ۋە پۈتكۈل ئافرىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بايانى گانا جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بېنجامىن ئاناگرېدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئاناگرې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدىغان سىياسىي پارتىيە، ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تولغان سىياسىي پارتىيە. بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

«ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، جۇڭگو قاتمۇقات ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي خىرىسقا دۇچ كەلدى، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، خىرىسلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلدى» دېدى ئاناگرې.

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش

«جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى تىلغا ئېلىنسىلا، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشى ئالدى بىلەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە پاراۋۇز دېگەن سۆزلەرنى ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كېرىمبايېف مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ دېدى، ئەمەلىيەتتە دۇنياغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگو ياخشى تەرەققىي قىلسا، دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئېيتماي تۇرالمايمىز!»

«يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەم يەرشارىۋى بازار ۋە بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» قانداق قىلغاندا جۇڭگونى دۇنيا بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرغىلى، گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەردى.

بۇنى مىسىرلىق ئىقتىسادشۇناس ۋالىد جابالا ئىنتايىن قۇۋۋەتلىدى. جابالا مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مۇنداق ئېتىقادنى ئاساس قىلغان، يەنى ئەگەر دۇنيا پۇختا تەرەققىي قىلسا، تالاش - تارتىش ۋە توقۇنۇشلار ئازىيىدۇ، بۇ ئارقىلىق سىياسىي تىنچلىق ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىغىلى، شۇ ئاساستا يەرشارىۋى ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

«جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەجرىبىلەرنى توپلىدى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ئىيوردانىيەگە مەبلەغ سېلىشى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ بىزنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئارزۇيىمىزنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ،» چۆللۈكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شامال كۈچى گېنېراتورلىرىغا نەزەر سېلىپ، سەنشيا خەلقئارا ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىيوردانىيە يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ دۆلەت دىرېكتورى مۇھەممەد ئەبۇ ئاتىيە ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگونىڭ «يەرشارىۋى تەرەققىيات قارىشى»نى جانلىق بايان قىلدى.

ئەبۇ ئاتىيە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېڭى تېخنىكا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تۈرلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ، بۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى تېپىلغۇسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەپ، ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو ۋە دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىدۇ.

ھازىر، رايونلاردا توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى، يەرشارىۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈردى، دۇنيا قانداق قىلغاندا توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلالايدۇ؟ «تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك» «ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش» «ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى مۇھىم بايانلار داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا ئىشەنچ بېغىشلىدى.

«كەسكىنلىشىۋاتقان تاشقى رىقابەتكە دۇچ كەلگەندە، <ئىشىكنى تاقاش> ئارقىلىق ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇش ئەكسىچە ئىقتىسادىي كىرىزىسنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ،» بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كاستىرو نېۋىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەرشارىۋى خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەلقئارا بازارغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى تاللىدى، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئورۇن بېكىتىش ۋە خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى.» ئېفىيوپىيە ئەددىس - ئەبېبە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى كوستانتىنوس بېرخۇتېسفا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تىنچلىق ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تەدبىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە يۈكسەك باھا بېرىشىگە ئېرىشتى.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگونىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇقىملىق، ئاكتىپ كۈچ بېغىشلايدۇ» دېدى بېرخۇتېسفا.

پاكىستان ئاقىللار ئامبىرى يەرشارىۋى يىپەك يولى تەتقىقات ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى زىمىر ئاۋان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرگە پائال تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سۆزىدە كۆپ تەرەپچىللىك، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

«ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، مانا بۇ توغرا يول!» بىرازىلىيە سودا باشلامچىلىرى تەشكىلاتى جۇڭگو رايونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىچىك جوس رىكاردو لۇس مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان دۇنيادا، جۇڭگو بارغانسېرى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، يازغان مۇخبىرلار: ۋاڭ شياۋمېي، شيې لىن، ياڭ تيەنمۇ، تاڭ جيېفېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.