تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۈرۈڭ، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىپ كېلەيلى!

3-ئايدا

باھار بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى

تۇرپانغا بېرىپ ئۆرۈك چېچىكى تاماشاسى قىلىشتىن باشلاڭ!

   3-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۇرپانغا بارىدىغان تۇنجى ئۆرۈك چېچىكى مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويىدۇ.

    3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا D9372/9371 قېتىملىق، D9370/9369 قېتىملىق ئۈرۈمچىدىن تۇرپان-قومۇل بېكىتىگە بارىدىغان ئىككى جۈپ تۆت گاۋتيې قوشۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 290 كىلومېتىر، سەپەر ۋاقتى تەخمىنەن 1 سائەت 50 مىنۇت.

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ تۆمۈريولى

D9371/9372 قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى

· D9372 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن 8:50تە قوزغىلىدۇ، تۇرپان شىمالىي، پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، يولغا چىقىش ۋاقتى تەرتىپ بويىچە 9:50/9:54، 10:22/10:26، ئاخىرىدا تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىغا 10:40تا يېتىپ بارىدۇ.

· D9371 قېتىملىق پويىز تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىدىن 11:15تە قوزغىلىدۇ، پىچان شىمالىي، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، يولغا چىقىش ۋاقتى تەرتىپ بويىچە 11:28/11:30، 11:58/12:00، ئاخىرىدا تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىغا 13:01دە يېتىپ بارىدۇ.

D9369/9370 قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى

· D9370 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن 15:10دا قوزغىلىدۇ، تۇرپان شىمالىي، پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، يولغا چىقىش ۋاقتى تەرتىپ بويىچە 16:10/16:14، 16:42/16:46، ئاخىرىدا تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىغا 17:00دە يېتىپ بارىدۇ.

· D9369 قېتىملىق پويىز تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىدىن 19:00دا قوزغىلىدۇ، پىچان شىمالىي، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، يولغا چىقىش ۋاقتى تەرتىپ بويىچە 19:13/19:15، 19:43/19:45، ئاخىرىدا تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىغا 20:46دا يېتىپ بارىدۇ.

· ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا: 2-دەرىجىلىك ئورۇن 51.5 يۈەن، 1-دەرىجىلىك ئورۇن 82 يۈەن؛

· ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا: 2-دەرىجىلىك ئورۇن 49 يۈەن، 1-دەرىجىلىك ئورۇن 78 يۈەن؛

· ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا: 2-دەرىجىلىك ئورۇن 79.5 يۈەن، 1-دەرىجىلىك ئورۇن 127 يۈەن؛

· ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا: 2-دەرىجىلىك ئورۇن 77 يۈەن، 1-دەرىجىلىك ئورۇن 123 يۈەن.

    ئۆرۈك چېچىكى پەسلىدە ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىش، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىنى كۆرۈش، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ...

بىر كۈنلۈك ساياھەت:

· ئۈرۈمچى ۋوگزالى−تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى−شا بازىرى نەخۇل كەنتى−تۇرپان مۇزېيى−سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى

· ئۈرۈمچى ۋوگزالى−تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى−يارغول ئۆتىڭى مەنزىرە رايونى−يارغول قەدىمىي شەھىرى−شاڭخۇ ئۆرۈك چېچىكى كەنتى

ئىككى كۈنلۈك ساياھەت:

· ئۈرۈمچى ۋوگزالى−تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى−كارىز شادلىق باغچىسى−يالقۇنتاغ−تۇيۇق−قۇمتاغ قۇملۇقى

· ئۈرۈمچى ۋوگزالى−تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى−يالقۇنتاغ−يالقۇنتاغ−تۇيۇق چوڭ جىلغىسى−قۇمتاغ قۇملۇقى−شاڭخۇ ئۆرۈك چېچىكى كەنتى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلىدە چوقۇم كۆرۈشەيلى!

مەنبە: شىنجاڭ ياخشى جاي

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.