تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تېخىمۇ قولايلىق بولدى! ئۈرۈمچىدە تاۋار ئۆي مەخسۇس رېمونت ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتىدا ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

     3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆي مەخسۇس رېمونت ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتىدا ئېلېكتىرونلۇق تالون رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، ئاھالىلەر توردا رېمونت ھەققىنى تاپشۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق تالوننى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقارسا بولىدۇ.
    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېمونت ھەققىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە ھەقىقىي قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆي مەخسۇس رېمونت ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تالونى رەسمىي ئىشلىتىلىدىكەن، بۇ، رېمونت ھەققىنى تاپشۇرۇش كەسپىنىڭ پۈتۈن تەرتىپىدە توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قاترىمايدىغان بولغانلىقىدىن، ئۆي «ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى»نى توردا تاپشۇرۇش بويىچە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تالوننى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئىگىلىرى رېمونت ھەققى كەسپىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىگە بېرىپ رېمونت ھەققىنى تاپشۇرسا، خىزمەتچى خادىملار ئۆي ئىگىلىرىگە رېمونت ھەققىنىڭ قەغەز مەخسۇس تالونىنى رېمونت ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتى قىلىپ بېسىپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى. ۋىيشىن كىچىك پىروگىراممىسى «ئەنجۈ گۇاڭشا» ئارقىلىق توردا رېمونت ھەققىنى تاپشۇرغان ئۆي ئىگىلىرى يەنىلا كەسىپ قوبۇل قىلىش كۆزنىكىدىن ئۆزى ئېلىۋالاتتى ياكى EMS پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق قەغەز تالونىنى ئالاتتى.

 

    ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرى مەيلى رېمونت ھەققى كەسپىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىدە رېمونت ھەققىنى تاپشۇرسۇن ياكى ۋىيشىن كىچىك پىروگىراممىسى «ئەنجۈ گۇاڭشا» ئارقىلىق توردا رېمونت ھەققى تاپشۇرسۇن، ھەر ۋاقىت ئېلېكتىرونلۇق تالونىنى چۈشۈرەلەيدۇ، تەكشۈرەلەيدۇ ۋە بېسىپ چىقىرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتىرونلۇق تالون بىلەن قەغەز تالون ئوخشاشلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېمونت ھەققىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ كەسىپ قوبۇل قىلىش كۆزنىكى مەخسۇس رېمونت ھەققىنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشقا قولايسىز بولغان رېمونت ھەققى ئېلېكتىرونلۇق تالونىنى ساقلىغان ئۆي ئىگىلىرىگە ئېلېكتىرونلۇق تالوننى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىش مۇلازىمىتىنى تەسىس قىلدى، ئۆي ئىگىلىرى كىملىكىنى ئېلىپ كۆزنەككە بارسىلا ئېلېكتىرونلۇق تالوننى بېسىپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى.
    ئۆي مەخسۇس رېمونت ھەققى ئۆينىڭ «ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئورتاق قىسمىنىڭ، ئورتاق ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن رېمونت قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.