تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇل شەرقىي ۋوگزالى 2-مەيدانىنىڭ ئىقتىدارى كېڭەيتىلىپ ئۆزگەرتىلدى ھەر كۈنى پارچىلاپ گۇرۇپپىلانغان يۈك پويىزى 50كە يېتىدۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي  ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن يۈ

    3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم تۆمۈريولىدىكى ئەڭ چوڭ گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى بولغان قومۇل شەرقىي ۋوگزالى 2-مەيدانىدا يولغا قويۇلغان ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش شارائىتى ھازىرلىنىدىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ ۋوگزالنىڭ ھەر كۈنلۈك پويىزلارنى پارچىلاپ گۇرۇپپىلاش ئىقتىدارى 50لىك ئاتاكىغا ئۆتىدىكەن.

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، قومۇل شەرقىي ۋوگزالىنىڭ 2-مەيدانىدا تولۇق يوك قاچىلىنىپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يۈك پويىزلىرى. 

گو زىيى فوتوسى

     قومۇل شەرقىي ۋوگزالى لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ مۇھىم يۈك توشۇش تۈگۈنى، بۇ ۋوگزالنىڭ 2-مەيدانى(پويىز تەڭشەش مەيدانى) لەنجوۋ-شىنجاڭ لىنىيەسى، قومۇل-لوپنۇر لىنىيەسى، لىنخې-قومۇل لىنىيەسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قومۇل تۆمۈريول تۈگۈنىدىن شىنجاڭغا كىرىدىغان-چىقىدىغان يۈك پويىزلىرىنى گۇرۇپپىلاش، ئۇلاپ توشۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قومۇل شەرقىي ۋوگزالىنىڭ پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش-يولغا سېلىش ئىقتىدارى ۋە پارچىلاپ گۇرۇپپىلاش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كەلدى.

    «قومۇل شەرقىي ۋوگزالى 2-مەيدانىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش پويىزلارنىڭ بىۋاسىتە قاتناش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. ئىلگىرى قومۇل شەرقىي ۋوگزالى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 44، 43 يۈك پويىزىنى پارچىلاپ گۇرۇپپىلايتتى، ئىقتىدارى كېڭەيتىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىز 50كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. پارچىلاپ گۇرۇپپىلاش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى يولغا سېلىش لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارى يىتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، تىرانسپورتنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل پاراۋوز ئۇچاستىكىسى قومۇل شەرقىي ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى فاڭ چياڭ.

    بۇ قۇرۇلۇشتا 2022-يىلى 8-ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى لىنىيە قۇرۇلۇشى ۋە يۆتكەش-ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى جۇڭگو تۆمۈريول 21-ئىدارىسى گۇرۇھى قومۇل شەرقىي ۋوگزالى 2-مەيدانىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمى ئۈستىگە ئالدى. قۇرۇلۇش قىلىشقا مەسئۇل خادىم چېن يەنچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بەش يول 6.3 كىلومېتىر بولۇپ، تۆت يولنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش ۋە ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى پۈتۈنلەي تاماملاش پىلانلاندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.