تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

مۇتەللىپ نۆل گىرادۇسلۇق بۇلۇڭدىن توپ كىرگۈزدى جۇڭگو كوماندىسى ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە كورېيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ياشلار ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) قەيسەر جۇڭگو كوماندىسى، قالتىس مۇتەللىپ! 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن U20 ئاسىيا لوڭقىسى(ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسى) ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى كورېيە كوماندىسى بىلەن 90 مىنۇت ئىچىدە 1:1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدىكى ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە، جىسمانىي كۈچى خوراپ، ئۈچكە قارشى بىر بىلەن يېڭىلىپ قالدى. 

     كورېيە دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن. كورېيە دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان نەتىجىسى 18 مەيدان مۇسابىقىلىشىپ 13 مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگەن، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلەشكەن، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلگەن، يېقىنقى سەككىز قېتىملىق مۇسابىقىدە يەتتە مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. ئالدىنقى قېتىم جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ كورېيە دۆلەت ياشلار كوماندىسىنى يەڭگەن ۋاقتى 2000-يىلى بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى چۈ بونىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن نۆلگەن قارشى بىر نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسىنى يەڭگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگۈچى ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپلا قالماي، يەنە دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كورېيە كوماندىسى تۆت ھۇجۇمچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەزمەن يېڭىدىغان ھالەتتە مەيدانغا چۈشتى. ئەمما مۇسابىقە باشلىنىپلا، كورېيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا، ئارقا سېپى جۇڭگو كوماندىسى ھۇجۇمچىلىرىنىڭ كەسكىن قىستاپ توپ تارتىۋېلىشىغا كۆنەلمىدى ھەم دېگەندەك ئۈنۈملۈك ھۇجۇم تەشكىللىيەلمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى تەرەپ 0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

   كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئەفرىدىن ئەسقەرنىڭ ئالدى مەيداندا ئاكتىپ توپ تالىشىشى بىلەن كورېيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى توپنى پاس بېرىشتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى، جۇڭگو كوماندىسى ئالدى مەيداندا توپنى تارتىۋېلىپ تېز سۈرئەتتە قايتۇرما زەربە بەردى، مۇتەللىپ يان تەرەپتىن توپ ئېلىپ چەكلەنگەن رايونغا بېسىپ كىردى، ئۇ قارشى تەرەپ ۋاراتارىنىڭ ۋارتارنىڭ سەل سىرتىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تۆۋەن سىزىققا يېقىن جايدىن ۋاراتارغا توپ ئۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن ئاۋۋال توپ كىرگۈزدى.

     ئارقىدىن، كورېيە كوماندىسى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى ھەم تالاش-تارتىش قوزغىغان نۇقتا توپ ئارقىلىق كېيىنكى يېرىم مەيداندا نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى. 

    جۇڭگو كوماندىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن توپ تالىشىپ 90 مىنۇت ئىچىدە رەقىبى بىلەن 1:1 بولۇپ تەڭلىشپ قالدى، لېكىن جۇڭگو كوماندىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېلىشقاچقا، بىر نەچچە توپچى پېيى تارتىشىپ قېلىپ مەيداندىن ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتتى، جۇڭگو كوماندىسى ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويدى، كورېيە كوماندىسى پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى. 

     بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسىدىن ئەفرىدىن، مۇتەللىپ، شىرزات نۇر، مەۋلان مىجىت، رەخمىتۇللا شۆھرەت قاتارلىق شىنجاڭدىن كەلگەن بەش توپچى مەيدانغا چىقتى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا شىنجاڭدىن كەلگەن يەتتە توپچى تاللاندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.