تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلايلى

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بېيجىڭ خەلق سارىيى، چاقناپ تۇرغان دۆلەت گېربى ئېگىز ئېسىلىپ، تەنتەنىلىك ۋە مۇقەددەس مىنۇتلارغا گۇۋاھ بولدى.

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان باش شۇجى شى جىنپىڭ سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئوقۇدى.

«مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە سادىق بولىمەن، خەلققە سادىق بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پاك - دۇرۇس بولىمەن، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!»

جاراڭلىق قەسەم، تەنتەنىلىك ۋەدە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلق داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغان، باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنە بولىدىغان سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغان قەتئىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى بولۇپ، ئەڭ يۈكسەك قانۇن ئورنىغا، قانۇن نوپۇزىغا، قانۇن كۈچىگە ئىگە. دۆلەت خىزمەتچىلىرى جەزمەن ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: «دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارا ھالدا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشى كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىزدە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە تەربىيەلەپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئۈلگە بولدى، بۇ مۇقەررەركى كەڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قانۇن ئىشەنچىنى چىڭىتىشى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئاساسىي قانۇن ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ناھايىتى زور ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، قانۇنچىللىقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش تەكىتلەندى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن ئاڭلىقلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن بۇرچىمىزنى ئادا قىلساق، بىز چوقۇم يېڭى دەۋردە جۇڭگو ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز.

قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭى نىشانغا قاراپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلاندۇق، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.