تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار كەلدى، ھەممە يەردە چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى تارىدى

 باھار تۈسى تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، تىيانشان باغرىنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىدى، بىر-بىرىدىن چىرايلىق گۈللەر مەيىن باھار شامىلىدا ئاستا-ئاستا ئويغىنىپ، بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈل پەسلىنىڭ يوپۇقى تەدرىجىي ئېچىلدى... 

    باھارنىڭ رەڭدارلىقىغا قاراڭ!

 

    3-ئايدىكى توقسۇندا، قۇياش پارلاپ، باھار مەنزىرىسى «بىخ سۈردى»، بۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باھار پەسلى ئەڭ بۇرۇن يېتىپ كېلىدىغان جاي، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى باھارنىڭ «تۇنجى بېكىتى». قىشتىكى قەھرىتان سوغۇقنىڭ ئورنىنى باھارنىڭ ئىللىق شامىلى ئېلىپ، قار-مۇزلار ئېرىپ، تامچە سۇلاردىن دەريالار ھاسىل بولدى، ھاياتلىق توقسۇندا داۋام ئېتىپ ئەڭ گۈزەل ئۆرۈك چېچەكلىرى پورەك ئاچتى. باھار شامىلى باش باھاردىكى كەڭ تۇپراقتا ئۇسسۇلغا چۈشتى، دەرەخ شاخلىرىدا ئۆرۈك چېچىكى بەس-بەستە چېچەكلىدى.

3-ئايدا، توقسۇنغا كېلىپ، چېچەك سەيلىسى قىلىڭ!

باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، مەيىن شامال ئېلىپ كەلگەن خۇش ھىدتىن ھۇزۇرلىنىڭ!

توقسۇن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك باغ (ماتېرىيال سۈرەت).

   ئىللىق باھاردىكى 3-ئايدا، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ شەھەر رايونىدىكى تاغ شاپتۇلى چېچەكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. ئاپئاق چېچەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسى ھال رەڭدە بولۇپ، باھاردىن دېرەك بېرەتتى.

    تاغ شاپتۇلى چېچىكى باھارنىڭ خەۋەرچىسى بولۇپ، ئىدىقۇت رايونىدىكى 12 مىڭ مو ئۆرۈك چېچەكلىرىمۇ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى تۇرپاندىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 2022-يىلىنىڭكىگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرىلىرى چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى تاغ شاپتۇلى چېچەكلىرى خۇش پۇراق چاچتى.

لەن شېڭۋېن فوتوسى

ھال رەڭ ئېچىلغان تاغ شاپتۇلى چېچەكلىرى شەھەرنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

لەن شېڭۋېن فوتوسى

تاغ شاپتۇلى چېچىكى بەس-بەستە ئېچىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى باھار سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

لەن شېڭۋېن فوتوسى

ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتدىكى ئۆرۈك چېچىكى باغچىسى (ماتېرىيال سۈرەت).

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك-تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى سىجىل كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى ۋە تۈرى سىجىل كۆپەيدى.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، نۇرغۇن كۈل رەڭ تۇرنا قۇتۇبى ناھىيەسى شىتىزى يېزىسىدىكى ئېتىزلىق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، نۇرغۇن كۈل رەڭ تۇرنا قۇتۇبى ناھىيەسى شىتىزى يېزىسىدىكى ئېتىزلىق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

    جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى مەۋسۇمىدىن كېيىن، ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كورلا كوچىلىرى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تېرىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى سەيلە قىلىشقا، باھار ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە جەلپ قىلدى.

تۈن پەردىسى يېيىلدى، كورلا شەھىرى كوچىلىرىدا چېچەكلىگەن شاپتۇللار (3-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).

چۆ . خۇرە فوتوسى

    ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى كۈندە شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرىدىكى تاغلىق رايوندا، توپ-توپ ئارقارلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، قانغۇچە يايرىدى.

    3-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە تاغ شاپتۇلى چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى، كىشىلەر باھار سەيلىسىنى باشلىۋەتتى.

    3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، دەريالاردىكى قار-مۇزلار تەدرىجىي ئېرىپ، ئېتىزلاردىكى كۈزگى بۇغدايلار ئارقا-ئارقىدىن كۆكىرىپ، بارلىق شەيئى قايتىدىن جانلىنىپ، ھەممە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

سۇ قۇشلىرى نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى سۇ يۈزىدە ئويناشماقتا، پەرۋاز قىلماقتا (3-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

كۈنەس ناھىيەسى شوربۇلاق بازىرىدىكى يايلاقتا ئوزۇق ئىزدەۋاتقان قوي پادىلىرى (3-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى قار-مۇزلار تەدرىجىي ئېرىدى (3-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

    نۆۋەتتە، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ كۆكتات، مېۋە ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى پارنىكتا، پورەكلەپ ئېچىلغان گىلاس چېچەكلىرى شاخلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالدى. باغۋەنلەر ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سەيلە قىلىغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر چىچەك سەيلىسى قىلغاچ سۈرەتكە چۈشتى، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغان باھار مەنزىرىسى ئەكس ئەتتى.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر پارنىكتا گىلاس چېچىكى سەيلىسى قىلماقتا.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، پارنىكتا گىلاس چېچىكى.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، پارنىكتىكى گىلاس چېچەكلىرى.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، پارنىكتىكى گىلاس چېچەكلىرى.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، بۇنىڭ بىلەن توشقان دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ئاق تۇرنا، ئاق قوتان قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەردە ياشاشقا، كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى.

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا سۇ قۇشلىرى سۇ يۈزىدە ئوينىشىپ، ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

ۋاڭ جۈنەن فوتوسى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى گۈلچىلىكنى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت-ساياھەت بىلەن ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ. «يېزا ئىگىلىكى + مەدەنىيەت-ساياھەت + سودا»دىن ئىبارەت ئىستىراھەت ساياھەت ئىقتىسادى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىدا گۈللەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. بۇ بازا سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىندا ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرگە گۈل سېتىۋالغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر باھار سەيلىسى قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدىكى جيەنخۇ كۆلىدە، ياۋا ئۆردەكلەر مۇز سۇدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ، پەيلىرىنى تاراۋاتاتتى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

مەنبە: ئانار بۇلۇت، توقسۇن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئىدىقۇت رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئىلى گېزىتى، شىنجاڭ ئاگېنتلىقى سىن بۆلۈمى

(مەريەمگۈل يۇنۇس، ھەلىمە قۇربان تەرجىمە قىلغان، رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.