تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېھىر-مۇھەببىتى丨يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئىلتىماس قىلدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ ۋېيليەن2-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ دۇڭلىڭ ھارغىن بەدىنىنى سۆرەپ ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى، ئۇ  بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ئىن بىر بوۋاقنى بىر نەچچە سائەت ئوپېراتسىيە قىلىپ چىققانىدى. بۇ خىل خىزمەتنىڭ ئېغىرلىقى ئۇنىڭغا نىسبەتەن نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى.

    2015-يىلى 8-ئايدا، خېبېي ساڭجوۋ شەھىرى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 1-بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاڭ دۇڭلىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر سۈپىتىدە بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ شۇ جاينىڭ داۋالاش شارائىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تېببىي خادىملىرىنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. جاڭ دۇڭلىڭ بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى داۋالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بەل باغلىدى.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ دۇڭلىڭ (سولدىن 2-كىشى) ئاغرىق بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

جياڭ ۋېيليەن فوتوسى

   بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تېببىي خادىملىرىنىڭ كېسەللىك ئاساسىي بىلىملىرىنىڭ نىسبەتەن كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، جاڭ دۇڭلىڭ قەرەللىك ھالدا كەسپىي لېكسىيە سۆزلەپ، ياتاق تەكشۈرۈش ۋە كىلىنىكىلىق ماھارەت مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

   «جاڭ دوختۇر تۆت ياش دوختۇرنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگەتتى. ھازىر بۇ تۆت دوختۇر كەسىپ تايانچلىرىغا ئايلاندى» دېدى بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەي جۈن.

     يېزا-بازارلاردا ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، جاڭ دۇڭلىڭ شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى ياقىباغ كەنتىدىكى دىلشات ياسىنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى.

    دىلشات 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى. جاڭ دۇڭلىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى، ھەر ئايدا 200 يۈەن چىقىرىپ دىلشاتقا ياردەم قىلدى، يەنە دائىم ئۇنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

    2019-يىلى، دىلشات ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ناھايىتى مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جاڭ دوختۇرنىڭ ياردىمىدە، مەن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشتىم. مەن ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى دوختۇر بولىمەن».

    «پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزىمىز!» بۇ جاڭ دۇڭلىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز. 2016-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ياتاق تەكشۈرۈۋاتقان جاڭ دۇڭلىڭغا تۇيۇقسىز تېلېفون كەلدى: ئەمدىلا تۇغۇلغان بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بىر بوۋاقنىڭ كېسىلى ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. ئۇ دەرھال ئوپېراتسىيە ئۆيىگە بېرىپ جىددىي قۇتقۇزدى، كېيىن بوۋاقنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى، لېكىن شۇ جايدىكى دوختۇرخانىنىڭ شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، بىر دەرىجە يۇقىرى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋاملىق داۋالىتىشقا توغرا كەلدى. يول يىراق، خەۋپ-خەتەر چوڭ ئىدى، جاڭ دۇڭلىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىگە قارىتا ئىككىلەنمەستىن دەرھال: «دەرھال بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرايلى!» دەپ قارار قىلدى ھەم بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقنى ئۆزى بىللە كورلا شەھىرىگە ئاپىرىپ، ۋاقتىدا داۋالاتتى.

   2015-يىلى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، جاڭ دۇڭلىڭ يەنە ئۇدا ئىككى قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ 9-تۈركۈمدىكى داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ساڭجوۋ شەھىرى بىلەن بۈگۈر ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى يىراقتىن داۋالاش، كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يەنە يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمى قاتارلىق ئالاھىدە داۋالاش بۆلۈملىرىنى قۇردى ھەم بۈگۈر ناھىيەسى ئۈچۈن كۆپ تۈرلۈك داۋالاش تېخنىكىسى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.