تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

يېنىك ئاتلېتىكا سارىيىمۇ ئېچىۋېتىلدى! ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدىكى بەش چوڭ مەيدان- ساراينىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى

  3- ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدىكى يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى زال ئىچىدىكى مەيدانغا چىم ياتقۇزۇش خىزمىتى تاماملاندى، بۇ، بۇ مەركەزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان- ساراينىڭ سىرلىق پەردىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدىكى بەش چوڭ مەيدان- ساراينىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.

  3- ئاينىڭ 6- كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 يېرىمدا، مۇخبىر يېنىك ئاتلېتىكا سارىيىغا كەلدى، قۇياش نۇرى مەيدان- ساراينىڭ ياي شەكىللىك، پولات جازا قۇرۇلمىلىق ئەينەك تورۇسىدىن بىۋاسىتە چۈشۈپ تۇراتتى، چىراغنى ياندۇرمىسىمۇ مەيدان- ساراينىڭ ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. سولياۋ ماتېرىيال ياتقۇزۇلغان يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئوتتۇرىسى بىرىكتۈرۈلگەن چىم بولۇپ، ئادەتتە بەش كىشىلىك پۇتبول مەيدانى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  图片

  ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى يىن لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېنىك ئاتلېتىكا سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 22 مىڭ 422 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، مەيدان - ساراي ئىچىگە 200 مېتىرلىق ھالقىسىمان يۈگۈرۈش يولى ۋە 100 مېتىرلىق تۈز يۈگۈرۈش يولى تەسىس قىلىنغان. يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا يەنە يىراققا سەكرەش يۈگۈرۈش يولى، ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش يۈگۈرۈش يولى، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش مەيدانى، چويۇن توپ ئېتىش رايونى، ئېگىزگە سەكرەش مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى يەككە تۈر زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقە ئىشلىرى ھەم ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىلىرىدە ئىشلىتىلىدىكەن، يەنە 52 تۈردىكى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. مۇسابىقە مەزگىلىدە، بۇ مەيدان- ساراي 2000 تاماشىبىننى بىرلا ۋاقىتتا مۇسابىقە كۆرۈشكە سىغدۇرالايدىكەن.

  يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا يەنە روۋداۋچە چېلىشىش سارىيى، بوكس سارىيى، ئوقيا ئېتىش سارىيى، چېلىشىش سارىيى تەسىس قىلىنغان. ھەربىر يەككە تۈر سارىيىدا تاماشىبىنلار مۇسابىقە كۆرۈش سۇپىسى تەسىس قىلىنغان ھەم يۈرۈشلەشكەن مۇسابىقە ئىشلىرى ئىقتىدار ئۆيى سەپلەنگەن.

  يىن لېي مۇنداق دېدى: مەيدان- ساراي قۇرۇلۇشىدا يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، يۈگۈرۈش يولىغا ئالدىن ياسالغان كاۋچۇك يۈگۈرۈش يولى ئىشلىتىلدى، ئەنئەنىۋى سولياۋ يۈگۈرۈش يولىغا سېلىشتۇرغاندا، ماتېرىيالى مۇھىت ئاسرايدۇ، تەكشىلىك دەرىجىسى ياخشى، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى يۇقىرى. ئاز مىقداردىكى ئادەم كۈچى ۋە ماشىنا شارائىتى ئاستىدا، يۈگۈرۈش يولىدىكى يۆگىمە ماتېرىياللار پۇختا بولغان تەكشىلىك ئاساسىدا ياتقۇزۇلىدۇ.

图片

  مەيدان- ساراي قۇرۇلۇشىدا، يورۇتۇش، قۇرۇلما، ئىقتىدار قاتارلىق ئېھتىياجلار ئۇنىۋېرسال مۇلاھىزە قىلىنغان بولۇپ، ئەينەككە ئاساسلىقى نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخشى بولغان ئاق ئەينەك ئىشلىتىلگەن، نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى %91.5كە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يورۇتۇشتا ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى چىراغلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ توختىماي چاقناش ۋە شاۋقۇننى ئازايتىپ، تەبىئىي شامالدىن پايدىلىنىپ ھاۋا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

  ھازىر، يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى نورمال ئېچىۋېتىلدى. بۇ خەلقئارا دەرىجىلىك مەيدان- ساراينى مەكتەپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقە مەيدانى قىلىپلا قالماي، يەنە ناخشا كېچىلىكى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.