تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى توغرا يېتەكلەش كېرەك

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى توغرا يېتەكلەش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى باشتىن - ئاخىر ئۆز ئادىمىمىز دەپ بىلدى. پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش، دادىل تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، زېڭ يۈچۈن، شيې دۇڭ، ليۇ جېندۇڭ، چېن شياۋپىڭ، شيې رۇ، سۈن دۇڭشېڭ قاتارلىق ئالتە ئەزا يەرشارىۋى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالىرىنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، نەق مەيداندا ئولتۇرغان ھەرقايسى ئەزالار ھەم جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى كەڭ ئەزالار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلاردىن، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2022 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولدى. خەلقئارا مۇھىت بوران - چاپقۇنلۇق بولۇۋاتقان ۋە دۆلەت ئىچىدە مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشى ئارقىلىق، بىز مۇھىم، زور ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، تەسىرى ئۇزاق مەزگىللىك بولغان بىرقانچە چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يەڭدۇق، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قەرەلىدە، بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدۇق. بىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇردۇق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈش نىسبىتى جەھەتتە يەرشارى بويىچە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ئەھۋالدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد %3 ئاشتى، بۇ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولدى، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىزنى ھەر تەرەپلىمە چەكلەپ، قورشاپ توسۇپ، بېسىم ئىشلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مىسلىسىز كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچىدىمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى تەكرارلىنىش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىش قاتارلىق قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ياۋۇزلاردىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالماي، دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تۆھپىسىمۇ مۇجەسسەملەنگەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، جەزمەن سالماق، تەمكىن بولۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك. سالماق، تەمكىن بولۇش، ئىرادىنى ساقلاش − خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى سالماقلىق بىلەن كۆزىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ھەم ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەتئىيلىك بىلەن بەل قويۇۋەتمەي، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، بەلگىلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەش دېگەنلىكتۇر. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىش − چوڭ يۆنىلىش مۇقىم بولۇش، فاڭجېن - سىياسەتلەر مۇقىم بولۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما مۇقىم بولۇش، ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، قەدەمنى توختاتماي، تېز يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىرىنى تېز يولغا قويۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك. كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ. بۇ يىللاردىن بۇيان، بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كەينى - كەينىدىن كەلدى، كەينى - كەينىدىن ئۇلاپ چوڭ جەڭلەرنى قىلدۇق، ھەربىر جەڭنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ يەڭدۇق. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، بىز يۈزلىنىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس پەقەت بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ. پەقەت ئومۇمىي خەلق بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقراۋى ئىگىلىك پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. بىز باشتىن - ئاخىر پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئۆز ئادىمىمىز دەپ بىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مەدەت بەردۇق، پۇقراۋى كارخانىلار گاڭگىراپ قالغاندا يېتەكچىلىك قىلدۇق. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلىپىنى تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، بازار كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش، خەلقئارا رىقابەتتە ئۆزكارامىتىنى كۆرسىتىشىنى قوللاش كېرەك. يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، سەپكە يەڭگىل ئاتلىنىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەرەققىياتنى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئىككى ساغلام» توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئەندىشىلەرنى تۈگىتىپ، يۈكنى تاشلاپ، دادىل تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇقراۋى كارخانىلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىك ۋە دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك. ئىقتىدارى بار، شارائىتى بار پۇقراۋى كارخانىلار ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. خەلق ئىچى كاپىتال سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى كاپىتالىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرى، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە جەلپ قىلىش كېرەك. تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. مەيلى دۆلەت كارخانىلىرى ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، ھەممىسى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ، ھەممىسى جەزمەن ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىچىلار ئائىلە، دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىش تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، بېيىغاندىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇش، بېيىغاندىمۇ ھەققانىي بولۇش، بېيىغاندىمۇ مېھىر - مۇھەببەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى تەيفېڭ، خې لىفېڭ، خاۋ مىڭجىن، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.