تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قايسى قىلمىشلار بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؟ (2)

  گاسلىقتا ئىرسىيەت ئامىلى چوڭ بولۇپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى ياكى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ

 بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، تۇغما ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ بىرى. كۈتۈلمىگەن تاشقى زەخىملىنىش، دورىدىن زەھەرلىنىش ياكى كېسەللىك قاتارلىق ئامىللار كېيىنكى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى گاسلىقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىرسىيەت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالدىنى ئېلىش ۋە بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەگەر بالىغا ئېغىر دەرىجىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش دەپ دىياگنوز قويۇلسا، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن ياكى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.

  بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جېڭ جۈن: ئەڭ ياخشىسى بالا بىر ياش، ئىككى ياش ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلساق ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، تىلنىڭ چىقىشى ئۈچ ياشتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ئۈچ ياشتىن كېيىن تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى (ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان) ئەزەلدىن گەپ قىلالمايدىغان، تۆت- بەش ياشلىق بالا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بەزىدە چوڭ مېڭىسى (ئاڭلاش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى) سەل چېكىنىپ كېتىدۇ، چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ بىزنىڭ (سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى) ئۈسكۈنىمىزنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئاۋازنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭ چۈشىنىشى ناچارراق بولىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تاقىغاندىن كېيىن، ئاڭلاش سېزىمىنى ھېس قىلالايدىكەن ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىل ئۆگىنىدىكەن. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىككى ياشتىن بۇرۇنقى سۆزلۈك مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تاقاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ سۆزلۈك مىقدارى تەدرىجىي موللىشىپ، تىلنى چۈشىنىشى ۋە تىل بىلەن ئىپادىلىشى تەدرىجىي كۈچىيىدىكەن.

  بالىلار تىڭشىغۇچ تاقىسا، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زەخىمگە ئۇچراش نىسبىتى چوڭلارغا قارىغاندا زور بولۇشى مۇمكىن

  ھازىر، بالىلارنىڭ تىڭشىغۇچ تاقىشى ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتتى، چوڭلارغا سېلىشتۇرغاندا، بالىلارنىڭ ئاڭلاش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا، تىڭشىغۇچ تاقىغاندا ئاۋاز بەك يۇقىرى، ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى ئېلىپ كېلىدىغان زىيان چوڭلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ.


  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تىڭشىغۇچ تاقىغاندا ئاۋازى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %60تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۇدا ئاڭلاش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سىرتتىكى ئاۋاز 60 دېتسىبېلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

  جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى نى شىن مۇنداق دېدى: تىڭشىغۇچ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر شەكىل. ئۇخلىغاندا ھەرگىز تىڭشىغۇچ تاقىماسلىق كېرەك، ئەڭ ئاخىرىدا ئائىلە باشلىقلىرىغا ئامال بار بالىلارغا تىڭشىغۇچنى ئاز تاقىغۇزۇپ، بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  تۇرمۇشتا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، بالىلارنى شاۋقۇن- سۈرەنلىك مۇھىتتا تۇرۇشتىن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ساقلىشى، تۇيۇقسىز شاۋقۇن- سۈرەن پەيدا بولغاندا، بالىلارغا قۇلىقىنى قولى بىلەن توسۇپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىشنى تاپىلىشى كېرەك. بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدىمۇ دېتسىبېلغا دىققەت قىلىپ، ئاۋازنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

(تۈگىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.