تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

مامۇق كەنتىدىكى بالىلار بېيجىڭدىن كەلگەن سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ) «مامۇق كەنتىدىكى بالىلار، سىلەرنىڭ ياخشى ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»«كىتابنىڭ سىلەرنىڭ بالىلىقىڭلارغا ھەمراھ بولۇشىنى، كېيىن پۇرسەت بولسا بېيجىڭغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»  −بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدىكى بىر  ئاچاڭلاردىن.

«مەن ياخشى ئۆگىنىپ، كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇيمەن!» دېدى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسى مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىقىدىكى ئابدۇراخمان تۇردى كىتاب ۋە ئاتكرىتكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىئانە قىلىش نەق مەيدانى.

سۈرەتنى جياڭشۆ تيەنزى تەمىنلىگەن

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىدىن مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئىئانە قىلىنغان 1000دىن ئارتۇق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسى كىچىك دوستلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، بۇ مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن كەلگەن سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيە ئارال يېزا مامۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا شۇ جايدىكى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى. يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش، ئۇلاردا كىتاب ئوقۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىلىشىشى بىلەن، بۇلتۇر 8-ئايدا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنى توردىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا تەشۋىق قىلىش، تور سىرتىدا توپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى ئۈچۈن دەرستىن سىرتقى كىتاب، رەسىملىك كىتاب ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق 1000دىن ئارتۇق ماددىي ئەشيا  توپلىدى.

بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىغا «بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۇتۇپخانىسى» دەپ ۋىۋىسكا ئاستى.

«بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىدىكى ئاكا-ھەدىلەر، يېڭى كىتابنى تاپشۇرۇۋالغاندا، مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم ھەممىمىز چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۇق ۋە ھاياجانلاندۇق. كىتاب بىزنى بىلىم دېڭىزىدا سەيلە قىلدۇرىدۇ، بۇ بىز ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى سوۋغات، مېھىر-شەپقىتىڭلارغا رەھمەت!» كۇتۇپخانىنىڭ يوپۇقىنى ئاچقاندا، مامۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى زۇبەيدە غاپپار ئۆزىنىڭ تەشەككۈر خېتىنى ئوقۇدى.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، «بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۇتۇپخانىسى»نىڭ يوپۇقى ئېچىلدى.

سۈرەتنى جياڭشۆ تيەنزى تەمىنلىگەن

«مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى دائىم ساقلاپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز». ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى قەيسەر مەمەت بالىلارغا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم كىتابنىڭ ھەمراھلىقىدا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.