تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

​جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن ئېچىپ، يىغىننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى؛ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتلىرىنى كېڭەشتى.

بۇ قېتىمقى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىدا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شىنجى بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتلىرىنى كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يۇقىرىقى قارار لايىھەسى، ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسى ۋە نامزاتلار ئىسىملىكى لايىھەسى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدۇ.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.