تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ چېچىكى كۆپ يۈزبېرىش مەزگىلى كىردى مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ۋاكسىنىنى پۈتۈن جەريانلىق ئەملىگەندىلا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

​ ھازىر سۇ چېچىكى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، مەكتەپتىكى، يەسلىدىكى بالىلار سۇ چېچىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا، پۈتۈن جەريانلىق ئەملەش سۇ چېچىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. «بۇ ۋاكسىنىنىڭ ئىككى قېتىم ئەملەش ۋاقىت ئارىلىقى بىر قەدەر ئۇزاق بولغاچقا، ئاتا-ئانىلارغا ۋاقتى كەلگەندە بالىلارغا ئىككىنچى قېتىم سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىپ، تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

«سۇ چېچىكى چىققان كىشىلەر ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋال بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.» شۆيۈەن يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئالدىنى ئېلىش-ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جىن لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇ چېچىكىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇپ، ئادەتتە 12 كۈندىن 21 كۈنگىچە بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا يوشۇرۇن تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پەيدا قىلىدۇ.  

«سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، قاپارتمىنىڭ ھەممىسى قاقاچ تۇتقانغا قەدەر ئۆيدە ئارام ئېلىپ، ئاندىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمىسە، خىزمىتىگىمۇ، ئۆگىنىشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.» جىن لېي مۇنداق دېدى: ئەسۋە پەيدا بولغاندىن تارتىپ قاپارتما پۈتۈنلەي قاقاچ تۇتقىچە بولغان جەريانغا ئاز دېگەندىمۇ ئون كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، ئادەتتە ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ساقىيىدۇ.

«سۇ چېچىكىنىڭ يۇقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، بۇلتۇر خەيديەن رايونى سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولغان جەمئىي 900دىن ئارتۇق ئاغرىق مىسالىنى دوكلات قىلدى.» خەيديەن رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېت پىلان بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى رۇجىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇ چېچىكى ئاساسلىقى سۇ چېچىكى قاپارتمىسى سۇيۇقلۇقى ۋە نەپەس يولىدىن چىققان چاچراندىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، مەسىلەن، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار، ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان ئەسۋابلاردىنمۇ تارقىلىدۇ، مەسىلەن، ئىشىك تۇتقۇچى، ئوقۇش قوراللىرى، ئويۇنچۇق قاتارلىقلار. «گەرچە سۇ چېچىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئۇزاق بولىدۇ. سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ۋىرۇس نېرۋا يىلتىزىغا <يوشۇرۇنۇۋالىدۇ>، يېشى چوڭايغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، بەلباغسىمان قوقاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن». 

سۇ چېچىكىنىڭ تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك، تەسىر كۈچى زور، ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.  «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىش تېخنىكا كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا ئاساسەن، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا تەرتىپ بويىچە ئىككى قېتىم سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش (18 ئايلىققا توشقانلارغا بىر قېتىم ئەملەش، تۆت ياشقا توشقانلارغا ئىككىنچى قېتىم ئەملەش) تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

«ھازىر، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى شەھىرىمىزدىكى ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بولمىغان ۋاكسىنىغا تەۋە، ئاتا-ئانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئەملەشنى تاللىسا بولىدۇ، ئەمما مەركىزىمىزدە ئەملەش نىسبىتى %100 بولدى.» جىن لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شۆيۈەن يولى ئەتراپىدا مەكتەپ كۆپ، ئوقۇغۇچى كۆپ بولغاچقا، بۇ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنىنى ئالدىن كېلىشىپ باشقۇردى ھەم يەسلىنىڭ «قېپقالغانلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ئەملەش» دائىرىسىگە كىرگۈزدى. «بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنىنى ئەملەش نىسبىتى بىرىنچى قېتىملىق ۋاكسىنىنى ئەملەش مىقدارىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلگەن، مېنىڭچە بۇ ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ بىرقەدەر ئۇزاق بولۇشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاسانلا ئۇنتۇپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.» جىن لېي مۇنداق دەپ قارىدى: مەركىزىمىزنىڭ سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى «قېپقالغانلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ئەملەش» دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى مۇۋاپىق دائىرىدە كېڭەيتىشكە ماس كېلىدۇ.

شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: سۇ چېچىكى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىلدە، ئەگەر بالىلاردا گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالدۇر دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئېنىق دىياگنوز قويۇش كېرەك، ئاغرىق ھالەتتە يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشنى قەتئىي توسۇش ھەمدە ئائىلىدە كۈتۈشنى كۈچەيتىش، تاتىلاشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر يەنە يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، قولنى پات-پات يۇيۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.