تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو-ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ)  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇاڭجوۋ-ئۈرۈمچى-باكۇ بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يۇقۇم سەۋەبىدىن ئاۋىياتسىيە توختىتىلغاندىن بۇيان ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن جۇڭگودىن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە قاتنايدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا جۇڭگو- ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەت ئارا قاتنايدىغان بىردىنبىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو-ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. سۈرەتنى جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى تەمىنلىگەن 

     بۇ قېتىم جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى  ئەسلىگە كەلتۈرگەن گۇاڭجوۋ-ئۈرۈمچى-باكۇ بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ8051/2 بولۇپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى قاتناش پىلانلانغان، بېرىش مۇساپىسىدە CZ8051 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 17دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىش، سائەت 19 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە  ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باكۇغا يېتىپ بېرىش پىلانلانغان. قايتىش مۇساپىسىدە CZ8052 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان باكۇدىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىش، سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تە گۇاڭجوۋغا يېتىپ بېرىش پىلانلانغان. 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن كېيىن نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6023/4 گە ئۆزگەرتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى ھەر چارشەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە ئۆزگەرتىلىدىكەن، باكۇدىن كەلگەن يولۇچىلار ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىش ئارقىلىق بېيجىڭ، خېفېي، شاڭخەي، جېڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە يېتىپ بارالايدىكەن.
     ئەزەربەيجان جۇڭگونىڭ ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئەڭ بالدۇر ئاۋاز قوشقان ھەم پائال قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. باكۇ ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى، تاشقى كاۋكازدىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر، شۇنداقلا ياۋروپادىن ئاسىياغا بارىدىغان دەرۋازا تۈگۈنى. گۇاڭجوۋ-ئۈرۈمچى-باكۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ جايدىكى كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق «بوشلۇق كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.