ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى (شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى)، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ بويىچە 2- نۆۋەتلىك ناغرا- سۇناي مۇزىكىسى مۇسابىقىسى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل ئۆرۈك چېچىكى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ناغرا- سۇناي مۇزىكىسى دۆلىتىمىز ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تۇرپان، بايىنغولىن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدا تارقالغان ناغرا- سۇناي مۇزىكىلىرىنىڭ ئورۇنلىنىش مەزمۇنى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، مول ۋە كۆپ خىل.