ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ) مۇخبىرنىڭ 2- ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت سىستېمىسىنىڭ 1- پەسىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، 6- نۆۋەتلىك توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيىتى ساياھەت پەسلى مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە 2- نۆۋەتلىك ناغرا- سۇناي مۇزىكىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىكەن.
تۇرپان شەھىرىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ناغرا- سۇناي مۇزىكىسى مۇسابىقىسى. ماتېرىيال سۈرەت
توقسۇن ناھىيەسى ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيىتى ساياھەت پەسلىنى بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك خەلق ئۆرپ- ئادەت خاسلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار»نى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىلىنىدىغان داڭلىق مەدەنىيەت ساياھەت ماركىسىغا ئايلاندۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لو جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2- نۆۋەتلىك ناغرا- سۇناي چېلىش مۇسابىقىسىدە «ئاتەش ماكاندا دۇمباق ساداسى ئالتۇن سۇناي» باش تېما قىلىنىدۇ، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى (شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى)، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل ئۆرۈك چېچىكى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ناغرا- سۇناي مۇزىكىسى دۆلىتىمىز ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تۇرپان، بايىنغولىن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدا تارقالغان ناغرا- سۇناي مۇزىكىلىرىنىڭ ئورۇنلىنىش مەزمۇنى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، مول ۋە كۆپ خىل.
مۇسابىقە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق تەدبىر بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ناغرا- سۇناي مۇزىكىسى تۈرىدىكى خاسلىقىنى تولۇق نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ناغرا- سۇناي مۇزىكىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يېڭى دەۋر خاسلىقىنى نامايان قىلىدۇ.