تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

تەك ئاچقاندا، بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۈيلىن

   شەخس ئارخىپى: مەنسۇر رېشىت، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يار بېشى كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى، ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈم ھەم ئۆرۈك ئۆستۈرۈش ۋە سورت ياخشىلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، يىل بويى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، شۇ جايدىكى خېلى نامى بار «يەرلىك مۇتەخەسسىس» بولۇپ قالغان.   

   ئەتىياز كىرىشى بىلەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرى تەك ئېچىش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇنداقتا، تەك ئاچقاندا قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مەنسۇر رېشىت كەنت ئاھالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

    سوئال: تەك ئېچىش ۋاقتىنى تاللاش ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

   مەنسۇر: ئادەتتە تەك ئېچىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرى بولىدۇ، قانداق ۋاقىتتا تەك ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك، تەكنى بەك بالدۇر ئېچىشقىمۇ، بەك كېچىكىپ ئېچىشقىمۇ بولمايدۇ، تەكنى ئېچىش ۋاقتى بەك بالدۇر بولۇپ قالسا، باھار سوغۇقىدا ئۈزۈم تاللىرى ئۈششۈپ قالىدۇ. بەك كېچىكىپ قالسا، ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ، ئۈزۈم تېلى تۇپراق ئاستىدىلا بىخلىنىپ كېتىدۇ-دە، تەك ئاچقاندا بىخلار زەخىملىنىپ، ئۈزۈمنىڭ ھوسۇلىغا تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەتىيازدا ئۈزۈم تېلى يۇمران بولىدۇ، تەك ئاچقاندا ئۈزۈمنىڭ غول تېلىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

   سوئال: ماشىنىلاشقان تەك ئېچىشتا قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك؟

   مەنسۇر: ماشىنىلاشقان تەك ئېچىشتا، ئۈزۈم باراڭلىرىنى ئۆزگەرتىش، باراڭنى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ. ئۈزۈم بارىڭىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە يەنە شامال ئۆتۈشۈش ۋە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىنى ياخشىلاپ، ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ماشىنىلاشقان تەك ئېچىشتا، ماشىنا بىلەن ئۈزۈم تېلى يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئارىلىقىغا دىققەت قىلىپ، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   سوئال: تەك ئاچقاندا قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك؟

   مەنسۇر: تەك ئاچقاندا ئۈزۈم تېلىنى ئۆسۈش تەرتىپى بويىچە باراڭغا ئېلىش، بىر تەرەپتىن ئېچىپ، بىر تەرەپتىن باغلاپ، ئۇنىڭ تەكشى ئېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇغىرىش سۇ مەنبەسىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولسا، تەك ئاچقاندا قالدۇق توپىنى پاكىز تازىلاش، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولمىسا، بىر قىسىم قالدۇق توپىنى قالدۇرۇپ نەملىك ساقلاش كېرەك. تەكنى ئاچقاندىن كېيىن، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ۋە سۇ سۈمۈرۈشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم بىر قېتىم توپا ئاغدۇرۇش ۋە ئوت ئوتاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى يوقىتىش خىزمىتىنىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.