تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى: بەخت يولىدىكى قوشنىلار خۇشاللىق بىلەن «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىرى»غا باردى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، بەخت يولى كوچا باشقارمىسى ئاھالىلىرى بۇ يەردە «تىيانشانغا مۇھەببەت  بەختلىك قوشنىلار» مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇلار بەدەن سېزىمى ماشىنا ئادىمى ئورۇنلىغان ئون خىل ئۇسسۇلنى كۆرۈپ، 3Dلىق بىر ئىستېرېئولۇق «كېپىنەك»نى بېسىپ چىقىرىپ، ئاقما ئېيىق ئاچقۇچ زەنجىرى ياساپ، ئاۋاز، نۇر، ئېلېكتىر ماگنىت، مېخانىكا قاتارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ھېس قىلىپ، VR بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات ئارقىلىق يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سەيلە قىلىپ، راكېتا قويۇپ بېرىشنى كۆرۈپ، بىر مەيدان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى لېكسىيەسىنى ئاڭلىدى......  پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، چوڭ دوستلار ۋە كىچىك دوستلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پەن-تېخنىكا سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىرى»غا باردى.

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، ئىككى كىچىك دوست ئايلانما ئەينەك تەسۋىرىنى ھېس قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئەينەكتىكى ھالىتىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، بىر كىچىك دوست ئايلانما ئەينەك تەسۋىرىنى ھېس قىلماقتا. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، كىچىك دوستلار پەيتلىك خاتىرە سىنىقىنى ھېس قىلماقتا. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، مېيرۇي ياڭگۇاڭ يەسلىسىدىكى 16 كىچىك دوست بەس- بەستە «توشۇغۇچى راكېتا»نى تۇتۇپ كۆرۈپ، سىرلىق ئالەم قاتنىشى دۇنياسىنى ھېس قىلماقتا. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، چوڭ دوستلار ۋە كىچىك دوستلار ماشىنا ئادەمگە ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، بەخت يولى كوچا باشقارمىسىدىن كەلگەن چوڭ دوستلار ۋە كىچىك دوستلار ماشىنا ئادەم بىلەن سۆزلەشمەكتە. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، توققۇز ياشلىق دىڭ جيېپېڭ ئۆزى 3Dلىق بېسىش ماشىنىسىدا بېسىپ چىقارغان «كېپىنەك»نى كۆرسەتمەكتە.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، بەخت يولى كوچا باشقارمىسىدا ئولتۇرۇشلۇق فەن يىڭ كىچىك دوستلار بىلەن بىرلىكتە VR ئارقىلىق بىپايان يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرمەكتە. ئۇ تەسىراتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، ھەپتە ئاخىرىدا بالىسىنىمۇ ئېلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ بوياق ماتېرىياللارنى تەڭشەپ، ئاقما ئېيىق ئاچقۇچ زەنجىرىنى ياساشنى ئۆگىنىشكە تەييارلىق قىلماقتا. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.