تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

قالتىس! 1-ئايدا جۇڭگودىكى بۇ تۈردىكى كارخانىلار پۈتۈن يەر شارىدىكى بارلىق زاكاز تالونىنى قولغا كەلتۈردى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتى ياساش بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كېمىسازلىق كارخانىلىرى ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق چەت ئەل كېمىسازلىق كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يەر شارىۋى بازار ئۈلۈشىنى سىجىل ئاشۇردى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى «ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى خەۋەرلىرى» پىروگراممىسى سىنى.

  پالۇبا 12 قەۋەتتىن ئېشىپ كەتتى، لايىھەدىكى توشۇشقا بولىدىغان ئاپتوموبىل مىقدارى 7500گە يەتتى، ھەر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى توشۇشقا بولىدۇ... 7000 ئاپتوموبىل توشۇشقا بولىدىغان بۇنداق دەرىجىلىك قوش يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتى پاراخوت تىرانسپورت ساھەسىدىكى «ئەڭ ياراملىق» پاراخوت بولۇپ قالدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتى كىچىك تىپتىكى پاراخوتقا تەۋە ئىكەن. 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران تۆتىلا سودىدا پۈتۈشكەن. ئەمما، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشى ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتىغا بولغان ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى 3 مىليون 110 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەتتا بىر قىسىم ئاپتوموبىل كارخانىلىرىمۇ چېگرا ھالقىپ ئۆزىنىڭ تىرانسپورت پاراخوت ئەترىتىنى قۇرۇشقا باشلىغان.

  شاڭخەي كېمىسازلىق تەتقىقات لايىھەلەش يۇرتىنىڭ پاراخوت تىپى باش مۇتەخەسسىسى جاڭ جو مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى، بىيادى، چىرۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ تىرانسپورت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىكنىڭ ھەممىسى باتارېيەلىك ئاپتوموبىل، باشقا تىپتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاپتوموبىل تېخىمۇ ئېغىر، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان پىكاپ ئەمەلىيەتتە بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، تىرانسپورت پاراخوتىنىڭ پالۇبا كۆلىمى ئىمكانقەدەر تېخىمۇ چوڭ بولۇشى، مال ئىگىسى، پاراخوت ئىگىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل توشۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

  بۇ يىل 1-ئايدا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتىدىن 17سى زاكاس قىلىندى، ھەممىسى جۇڭگو پاراخوت كارخانىلىرىنىڭ قولىدا.

  جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ ئەيجۈن مۇنداق دېدى: جياڭنەن، گۇاڭچۇەن خەلقئارا شىركىتى، ۋەيگاۋچياۋ قاتارلىق ئۈچ كېمىسازلىق كارخانىسىنى قوشقاندا، نۆۋەتتە پۈتكۈل گۇرۇھنىڭ قولىدىكى PCTC (ئاپتوموبىل تىرانسپورت پاراخوتى)نىڭ زاكاز تالونى 30دىن ئاشىدۇ، (خەلقئارالىق) بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى %25 ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنكى ئۈچ يىللىق زاكاز توشۇپ كېتىشى مۇمكىن.

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.