تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

34 تەۋسىيە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولدى

ۋەكىل جاڭ شىن:

34 تەۋسىيە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

«يەنە بىر قېتىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغىنىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدىم.» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق دېدى: جەزمەن كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى باش ئىشىتابىدىكى ئىشخانىسىدا، ھەر خىل ھۆججەت - ماتېرىياللار ئۈستەلگە لىق تىزىلغانىدى، جاڭ شىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان تەۋسىيەلەرنى رەتلەۋاتاتتى ۋە تۈزىتىۋاتاتتى.

بۇ يىل، ئۇ ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «<سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش»كە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ ئون تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاڭ شىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. بولۇپمۇ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، ئۇ ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا جەمئىي 34 تەۋسىيە سۇنۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق جاۋاب قايتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، رەسمىي تەستىقىي جاۋاب بېرىلدى، قوبۇل قىلىندى ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت - تەدبىرلەر شەكىللەندۈرۈلدى.

«ئۆزىمىزنىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى كەسپىي ئەۋزەللىكىمىز ئاساسىدا، مەن شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، <شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش>نىڭ بىرىنچى يول قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تەۋسىيە بېرىشكە باشلىغانىدىم، تۆتىنچى يول قۇرۇلۇشىغىچە ئىزچىل تەۋسىيە بېرىپ كەلدىم، ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا، مەن يەنە بەشىنچى يول قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار تەۋسىيەنى تەييارلىدىم.» جاڭ شىن مۇنداق دېدى: بۇ تەۋسىيەلەر ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ تەتقىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تېزدىن تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۇقىرى سۈپەتلىك، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىگە ئۇيغۇن تەۋسىيەلەرنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى، جاڭ شىن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.

ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، جاڭ شىن دائىم بىرىنچى ۋاقىتتا كارخانىدىكىلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق كەسىپ ئىشچىسىغا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزىدۇ.

بۇلتۇر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە 100 مۇنەۋۋەر ۋەكىلنى باھالاپ چىقتى، جاڭ شىن بۇ شەرەپكە ئېرىشتى. «يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلالىغانلىقىمدىن ھەم شىنجاڭ خەلقىگە نەپ يەتكۈزەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.» جاڭ شىن مۇنداق دېدى: مەن داۋاملىق ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنى داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن.

■مۇخبىر خاتىرىسى

ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى يېزىش

جاڭ شىننى زىيارەت قىلغاندا، «ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى» تېخىمۇ كونكرېت نامايان بولدى، شەخس بىلەن دۆلەتنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ئەندىزىسى ۋە ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان بىر مەھەللىۋى زاۋۇتنى يېتەكلەشتىن دۇنيا بويىچە توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدىكى باشلامچىغا ئايلاندۇرۇشقىچە، يېشىل ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشتىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن ياش ئەۋلادلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تاللىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكىچە جاڭ شىن مۇخبىرغا بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ قىممەت قارىشىنى يەتكۈزدى.

ئۇ باشتىن - ئاخىر بىر كارخانىنىڭ تەرەققىياتى، بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشىسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتكە، خەلققە، باشقىلارغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلەپ كەلدى. شۇڭا ئۇ تاپشۇرغان تەۋسىيەلەردە، ھەم سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بار. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى بۇ يىل يەنە خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەنتلەرگە ياردەم قىلىش - يۆلەش سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرىدۇ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىدۇ.

كۈچلۈك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى يېزىش قالتىس ھەم ھەقىقىي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.