تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«تەكلىپ مەزمۇنىغا بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاقىدار سىياسەتلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، يەنە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر بايان قىلىنىپتۇ. ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقى، مەزمۇنىنىڭ تەپسىلىي، ئېنىق بولغانلىقىدىن مەن ئىنتايىن رازى بولدۇم» دېدى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ تاۋ بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقاندا تاپشۇرغان تەكلىپلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا.

شۈ تاۋ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، شۇنداقلا تاكسى شوپۇرى بولۇپ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. 2007 - يىلى، شۈ تاۋ بىرنەچچە تاكسى شوپۇرى بىلەن بىرلىكتە قۇتۇبى ناھىيەسى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى قۇردى، ئۇ ئەترەت باشلىقى بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شۈ تاۋ باشتىن - ئاخىر لېي فېڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سەپداشلىرى بىلەن دائىم بالىلار ھەم قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ قاتارلىق ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ھەقسىز توشۇدى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئارمىيەدىن چېكىنگەن تېخىمۇ كۆپ ھەربىينىڭ پىدائىيلار قوشۇنىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا، شۈ تاۋ «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدا» دېگەن تەكلىپنى تاپشۇردى، بۇ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى ھەم ناھايىتى تېزلا جاۋاب قايتۇرۇلدى.

جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خەلق ئارىسىدىن كېلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، يەنە خەلق ئارىسىغا قايتىپ، خەلققە جاۋاب قايتۇرىدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرنى ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئىنتايىن زۆرۈر، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»دا: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن ئىبارەت بۇ زور قوشۇننىڭ جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى پائال تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 247 مىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن 3 مىليون 500 مىڭ ھەربىي پىدائىي جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

جاۋابتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈرۈلدى: كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەت - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. يەنە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ۋاقتىدا، تېخىمۇ كەسپىي مۇلازىمەت قىلىش تەلىپى بويىچە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، كۆيۈنۈش، ياردەم قىلىش - يۆلەش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. تۈزۈلمە - مېخانىزم كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، سىياسەت، قانۇن - نىزام مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشقا يېتەكلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەر ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماي، كەسىپ ئالماشتۇرسىمۇ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەي، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىشتەك ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئىش ئورنىدا ئەلا نەتىجىلەرنى ياراتتى، مەملىكەت بويىچە «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» لۇنجىك قادىر، شىنجاڭدىكى «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» جاڭ چيۇلياڭ قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى.

«مەيلى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ياكى چېكىنمىگەن بولسۇن، ھەربىيلەرنىڭ تومۇرىدا باشتىن - ئاخىر سادىقلىق ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ئەترىتىمىزدە ھازىر 530 ئەزا بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيدىن 81ى بار. دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن تېخىمۇ كۆپ ھەربىينىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى شۈ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.