2-ئاينىڭ 18-كۈنى
كورلا شەھىرى ئاھالىسى لى سەيخۇا ئائىلىسىدىكى تۆتەيلەن
600 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ
ئالايىتەن غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە بېرىپ
بۇلتۇر ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، سۇغا سەكرەپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالغان شەپقەتچى
ـــــ خەلق ساقچىسى شى ۋېينەنگە رەھمەت ئېيتتى
غۇلجا ناھىيەسىگە ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ
شەپقەتچىسى شى ۋېينەنگە رەھمەت ئېيتىش
لى سەيخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى



ۋاقىتنى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قايتۇرغاندا
خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسىدا
لى سەيخۇا ۋە قىزى ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتتى
خەتەرلىك پەيتتە
تۇغقان يوقلاشقا مېڭىپ بۇ يەردىن ئۆتكەن خەلق ساقچىسى شى ۋېينەن
ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي،
دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزدى

شۇ چاغدا، قار-مۇزلار ئېرىگەن بولۇپ، سۇ مۇزدەك ئىدى، سۇ ئاستى تېيىلغاق بولغاچقا، شى ۋېينەن سەكرەپ چۈشۈپلا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆڭلىدە بىرلا ئىشنى ئويلىدى: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم ياكى مەغلۇپ بولۇشۇم مۇشۇ قېتىمدىلا قالدى، ئەگەر سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى تۇتالمىسام، تېخىمۇ چوڭقۇر سۇغا چۆكۈپ كەتسە، قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈمىدى تېخىمۇ ئازلايدۇ.
كۆپ ئويلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، شى ۋېينەن سۇ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرغاندا، بىر بالىنىڭ لەيلەپ كەلگەنلىكىنى كۆردى، بالىنىڭ بەدىنى سۇغا چۆكۈۋاتقان بولۇپ، بىر تارتىپلا تۇتىۋېلىپ، سۇ يۈزىدىن تارتىپ چىقاردى. بالىنىڭ بىر جۈپ كۆزى يوغان ئېچىلغان بولۇپ، بۇرنىدىن قان چىقىپ، كالپۇكى كۆكىرىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، شى ۋېينەن قىرغاقتىكىلەرگە قاراپ ۋارقىردى: «تېز بولۇڭلار، تېز بولۇڭلار، بالىنى تارتىپ چىقىرىۋېلىڭلار».
قىسقىغىنە نەچچە سېكۇنتتا قىرغاقتىكىلەر يۈگۈرۈپ كېلىپ بولغۇچە، دەريادا يەنە بىر ئايال لەيلەپ كەلدى، شى ۋېينەن دەرھال قولىنى سوزۇپ ئۇنى تارتىۋالدى.
ناھايىتى تېزلا، قىرغاقتىكىلەر ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئۇلار قولمۇقول بىرلىشىپ ئۈچەيلەننى تارتىپ چىقاردى.

ئالاقزادە بولغانلىقتىن
قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئائىلىدىكىلەر بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى تەتۈر كۆتۈرۈپ
بالىغا سۇنى قۇستۇرماقچى بولغاندا
شى ۋېينەن دەرھال توسۇپ
ئۇدا ئۈچ گۇرۇپپا يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىشلىدى
ھوشىدىن كەتكەن بالىنىڭ نەپىسى ئەسلىگە كەلگەندىلا
شى ۋېينەن ئۇھ، دېدى
بۇ قېتىمقى شەپقەتچىسىنى
لى سەيخۇا ئائىلىسىدىكىلەر ھازىرغىچە ئۇنتۇمىدى
كېسەل بولۇپ ئىزچىل دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە
لى سەيخۇانىڭ سالامەتلىكى يېقىندا ئەسلىگە كەلدى
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى غۇلجا ناھىيەسىگە بېرىپ رەھمەت ئېيتىشنى قارار قىلدى


ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئادەم قۇتقۇزغان
شى ۋېينەن ئەڭ قالتىس!
يولنى يىراق كۆرمەي ئىشىككىچە بېرىپ رەھمەت ئېيتقان
لى سەيخۇا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبى مىننەتدارلىققا تولغان!
«شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى