تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

3-شى تۇمشۇق شەھىرى نۇقتىلىق قاتناش-تىرانسپورت تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى

     2-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر تۇمشۇقمارالبېشى تاشيولى تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى، يول چىڭداش ماشىنىلىرىنىڭ ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. «ئومۇمىي قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ %40ى تاماملىنىپ بولدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، گىرەلەشتۈرۈپ مەشغۇلات قىلىپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاشنى پىلانلىدى.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى تۇمشۇق شەھىرى تاشيول قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرى ۋاكالىتەن قۇرۇلۇش قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لياڭ ۋېنبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈرگە جەمئىي 744 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تۇمشۇق شەھىرى بىلەن مارالبېشى ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ قالىدۇ.

      3-شى تۇمشۇق شەھىرى بۇ يىل ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت تۈرىدىن سەككىزنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 4 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

     ئىككى كۈندىن بۇيان، تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇش ئورنىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى. «قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىردى» دېدى تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ ئا تەرەپ ۋەكىلى تيەن ۋېنجۈن تونۇشتۇرۇپ. 

     تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىگە تەخمىنەن 226 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتىش، ئورۇن سۇپىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قۇرۇلۇش تاماملاندى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، 3-شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

    «بىز نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى 3-شى تۇمشۇق شەھىرى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ كې.

(بىڭتۇەن گېزىتى تاراتقۇلار مۇخبىرى جاڭ مېيلىڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.