تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما! ھۆكۈمەت تەرەپ تەدبىر قوللاندى! «يۇقىرى باھالىق تويلۇق»قا چېتىلىدۇ

  يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا مىنىستىرلىقى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەننىڭ 2023- يىلى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى نوقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش تەشۋىقات- تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى باھالىق تويلۇق، ھەشەمەت بىلەن چوڭ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش پۇختا قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى جايلار كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىدە توي- تۈكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش، ئادەمگەرچىلىك يۈكىنى يېنىكلىتىش، چېكىدىن ئاشقان ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تولۇقلاشقا يېتەكلىنىدۇ. 4- تۈركۈمدىكى مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىكى تىپىك مىساللار تاللاپ تونۇشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرى كېڭەيتىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.