تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن 12-شىسى تەنتەربىيە سارىيى، مۇزېيى ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاماملىنىدۇ

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسىنىڭ بەش ساراي، بىر مەركەز قۇرۇلۇش تۈرى بولغان تەنتەربىيە سارىيى، مۇزېي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى پۈتتى ھەم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قۇرۇلۇشنى تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە.

بىڭتۇەن 12-شىسىنىڭ بەش ساراي، بىر مەركەز قۇرۇلۇش تۈرى بولغان تەنتەربىيە سارىيى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلىماقتا.

مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن فوتوسى

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىڭتۇەن 12-شىسىنىڭ بەش ساراي، بىر مەركەز قۇرۇلۇش تۈرى بولغان تەنتەربىيە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، غايەت زور «سىلىندىر» شەكىللىك بىر ئىمارەت كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىۋاتاتتى.

    بىڭتۇەن 12-شىسىنىڭ بەش ساراي، بىر مەركەز قۇرۇلۇش تۈرى بولغان تەنتەربىيە سارىيى، مۇزېي قۇرۇلۇشى بىڭتۇەن 12-شى «1-ماي» دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇزېي، تەنتەربىيە سارىيى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئاپتوموبىل ئامبىرىدىن ئىبارەت ئۈچ يەككە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بۇنىڭ ئىچىدە، تەنتەربىيە سارىيى بىڭتۇەن 12-شىسى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 34 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، يەر ئۈستى تۆت قەۋەت بولۇپ، ئىچىگە ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پەي توپ، تېننىس توپ قاتارلىق توپ تۈرلىرى مەيدانى تەسىس قىلىنغان ۋە سودا يانداشتۇرۇلغان. قۇرۇلۇش رامكا قۇرۇلمىلىق، پولات قۇرۇلمىلىق بولۇپ، سىرتقى تىك يۈزى تاش ماتېرىيال، ئاليومىن تاختا، ئەينەك تامدىن تۈزۈلگەن. ئۆگزىدىكى شارسىمان تور جازىسىنىڭ ئەڭ چوڭ چات ئارىسى 132 مېتىر بولۇپ، 20 ئىشچىنىڭ سۇيۇقلۇق بېسىملىق كۆتۈرۈش سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆگزىگە ئىشلىتىلىدىغان پولات مىقدارى 1200 توننىدىن ئاشىدۇ، چات ئارىسى چوڭ پولات قۇرۇلمىلىق تور جازىسى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قۇراشتۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىڭتۇەن 12-شىسى، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تەنھەرىكەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

    مۇزېي قۇرۇلۇشى يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى ئۈچ قەۋەت، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سىممېترىك تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.

    جۇڭگو بىناكارلىقى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى 4-بىناكارلىق-قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىڭتۇەن 12-شى بەش ساراي، بىر مەركەز قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تۈر دىرېكتورى جاڭ جى مۇنداق دېدى: تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، تۈر بۆلۈمىمىز ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتۇق. ھەرقايسى تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، 150دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ، چوڭ تىپتىكى قار تازىلاش ئۈسكۈنىسىدىن ئالتىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئادەم بىلەن ماشىنا «ھەمكارلىشىپ»، دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىشلىدى. ھازىر، ئىككى ساراينىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، تەنتەربىيە سارىيىنىڭ %50 ئەينەك تېمى تېخى پۈتمىدى، پولات قۇرۇلمىلىق مېتال ئۆگزە، مۇزېينىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ %95ى تاماملاندى.

    ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۇەن 12-شىسىنىڭ بەش ساراي، بىر مەركەز قۇرۇلۇش تۈرى مۇزېي، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى پىلانى كۆرگەزمە سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى ۋە ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يادرولۇق رايوننىڭ «بىر پورت، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشى غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، بىڭتۇەن 12-شىسى شىنجاڭ ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىتىش مەركىزىنى باشلامچى، تەنتەربىيە سارىيى، مۇزېي قاتارلىق تۈرلەرنى تىرەك قىلغان تۇدۇڭخابا جىلغىسى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋگاڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.