تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 1 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلدى

38 تۈردە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتى يارىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 1 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلۈك مۇسابىقە ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قىسقا يولدا تېز تېيىلىش سارىيىدا يېپىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، ئىككى باسقۇچتىكى 15 مۇسابىقە كۈنىدە، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالتاي شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىدىكى ئۈچ مۇسابىقە رايونىدا تېز مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش قاتارلىق 10 مۇسابىقە چوڭ تۈرى، 104 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن 92 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 1029 ياش ـ ئۆسمۈر قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 104 ئالتۇن مېدال، 103 كۈمۈش مېدال ۋە 98 مىس مېدال ئالدى ھەم 38 تۈردە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى ياراتتى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى مېدال تىزىملىكى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ تىزىملىكىدە ئالدىنقى سەككىز ئورۇندا تۇرغان ھەم تەنتەربىيە ئەخلاق ـ پەزىلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىگە لەۋھە تاختىسى تارقىتىپ بەردى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاساسىي مۇسابىقە رايونىنىڭ ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتاي ۋىلايىتى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم يەتتە مۇسابىقە چوڭ تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئاساسىدا، يەنە قاتناشقان بارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىدە 44 ئالتۇن مېدال، 33 كۈمۈش مېدال، 25 مىس مېدال بولۇپ جەمئىي 102 مېدالغا ئېرىشىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن ئېشىپ كەتتى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭ، جېجياڭ، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالتە ئۆلكىدىن 101 قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمىتى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىر مەيداندا مۇسابىقىلىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ماھارىتىنى ئورتاق ئۆستۈردى.

ماھارەت مۇسابىقىسى بىلەن تەڭ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، مەملىكەتلىك ئاممىۋى قار ـ مۇز پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، قىشلىق مەھەللە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىشلىق لاگېرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 428 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭغا قاتناشقانلار 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

«بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، ئۆزگىچە قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى بايلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، <300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش> نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قار ـ مۇز تۈرلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ يوۋمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېففېكتى ۋە قىممەت فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز كەسپى، قار ـ مۇز ساياھىتى ۋە قار ـ مۇز ئىقتىسادىنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.