تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.75 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى (2022)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ) 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى ئېلان قىلىندى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى سىجىل ئاشقان، پۈتۈن يىللىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سودا سوممىسى 3 مىليارد 243 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.75 ئاشقان.

«دوكلات»تا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شىنجاڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىنىڭ تەرەققىياتى، مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى ھەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدىكى مۇنەۋۋەر مىساللار تەھلىل قىلىندى. بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشىنى جەمئىي 458 مىليون ئادەم قېتىم كۆرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %61.39 ئاشتى؛ جەمئىي 24 مىڭ 600 مەيدان قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %38.98 ئاشتى؛ كۇەيشوۋ شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا كۆرسىتىلىش مەيدان قېتىمى ئەڭ كۆپ، سودا سوممىسى ئەڭ كۆپ سۇپا، دوۋيىن كۆرۈلۈش قېتىم سانى، شىنجاڭنىڭ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىلىرى ئەڭ كۆپ سۇپا.

شىنجاڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسى ھەمكارلاشقان ئاساسلىق سۇپىلار دوۋيىن، تاۋباۋ، كۇۋەيشوۋ بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى تەرتىپ بويىچە %93.55، %67.74، %61.29 بولغان. %40.32نى ئىگىلىگەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى قوللاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 2022 ـ يىلى ئىگىلىگەن نىسبەت رەت تەرتىپىدە يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ رىياسەتچى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %32.26 بولۇپ، رەت تەرتىپىدە يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئەمما ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاشقان. 2021 ـ يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىغا ماكانلاشقان سودىگەرلەر كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان، 5 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگىچە بولغان، 10 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەرتىپ بويىچە %74.32، %13.66، %12.02 بولغان. مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن دوۋيىن سۇپىسىنى تاللىغان، ئۇنىڭدىن قالسا كۇەيشوۋ، تاۋباۋدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىقلارنى تاللىغان.

«دوكلات»نى ئاساسلىق يازغۇچى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى روشەن، خاس مەھسۇلات تۈرى مول، ئەۋزەل بايلىقى كۆپ. بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئەۋزەل بايلىقنى ئېقىم مىقدارىغا ئايلاندۇرۇش، ئاندىن سېتىش كىرىمىگە ئايلاندۇرۇش مەشغۇلات جەريانى ئارقىلىق، ئەۋزەل بايلىقنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، بۇ، شىنجاڭ نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئاشلىق ـ ياغ، پاختا توقۇمىچىلىق، مېۋە ـ كۆكتات، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىقلاردا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.