تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئۈچ تاشيول پورتىدا 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەسلىگە كېلىدۇ

مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پورت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئالاتاۋ، باقتۇ، تورغاتتىن ئىبارەت ئۈچ تاشيول پورتىدا يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، شىنجاڭ قورغاس، ئەركەشتام، قاراسۇ، تايكېشكېندىن ئىبارەت تۆت تاشيول پورتىدا يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ «جۇڭگو ـ چەت ئەل خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە ئالاقىدار ۋاقىتلىق تەدبىرلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى پورتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى تولۇق باھالاپ، پورتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پورتلارنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، شىنجاڭ 2 ـ تۈركۈمدە تاشيول پورتلىرىدا يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە مېخانىزمنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ، يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياخشى كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پورت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شوۋجۈن مۇنداق بىلدۈردى: پورتلاردا خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى چوڭ يول بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توپلانغان تەجرىبىلەر ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، باشقا چېگرا پورتلىرىدا يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.