تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «ئالتە بىر» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتتە كۈچلۈك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئالتە بىر» قۇرۇلۇشى پىكىر يولىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەرەققىياتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەت تەرەققىياتىنىڭ تىرەك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن.

بۇ «ئالتە بىر» قۇرۇلۇشى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتى، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش، ئېكولوگىيە تىپىدىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش تور سۇپىسى بەرپا قىلىش، سۈپەت تەرەققىياتى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى ئىتتىپاقى قۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى فوندى تەسىس قىلىش.

«ئالتە بىر» قۇرۇلۇشى سۈپەت تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتىنى ئاساس، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى، ئېكولوگىيە تىپىدىكى تور سۇپىسىنى ۋاسىتە، سۈپەت تەرەققىياتى ئىتتىپاقىنى كۆۋرۈك، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى ۋە سۈپەت فوندىنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر يۈرۈش مۇكەممەل سۈپەت تىرەك سىستېمىسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سۈپەتكە ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلىشىنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، سۈپەت ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشى، سۈپەت تېخنىكا تەتقىقاتى، سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە سۈپەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى «يۇمشاق ماتېرىيال» «قاتتىق ماتېرىيال» تېرىكى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە، تەستىقلىنىپ قۇرۇلۇشقا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان دۆلەت بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى (ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ئۆلچىمى) ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ئۆلچىمى ھەم شىنجاڭنىڭ بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تېخنىكا ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئالدىنقى سەپكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئورتاقلىققا ئىگە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ «ئېكولوگىيە تىپىدىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش تور سۇپىسى»نى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. سۈپەت تەرەققىياتى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا چىڭخۇا داشۆ، جېجياڭ داشۆ، جۇڭگو ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپ، ئاپپارات، كارخانىلاردىكى جەمئىي 1600دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس كىرگۈزۈلدى، بۇ، سۈپەت خىزمىتىگە ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، كەسىپ بىلەن پۇل مۇئامىلىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپەت تەرەققىياتى فوندى تەسىس قىلىپ، فوند، سېلىنما ۋاسىتىسى ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يۆلەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا ۋە كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.