ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1920 مۇھىم، زور تۈرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 644 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل ئىچىدە 127 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈردىن 127سى بار، ئومۇمىي سېلىنمىسى 432 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل ئىچىدە 54 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى. بۇ تۈرلەر ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىڭتۇەن 3 ـ شىسى تۇمشۇق شەھىرى دابەنشەن سانائەت رايونىدا، شىنجاڭ تاڭفاڭ توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 700 مىڭ ئۇرچۇقلۇق 600 رەخت توقۇش ماشىنىسى تۈرىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. «بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ھازىر 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ تۈر 300 مىڭ ئايلانما ئۇرچۇقلۇق ئېگىرىش تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لياۋ شياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۈرنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار زور كۈچ بىلەن قوللاپ، تۈر مەخسۇس خادىملىرىنى يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەم تۈرلۈك رەسمىيەت قاتارلىقلارنى بېجىرىشكە ياردەم بېرىپ، كارخانىلار ئۈچۈن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ تۈرنى بالدۇر پۈتكۈزۈپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، بالدۇر ئۈنۈم كۆرۈشكە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.
بۇ يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، باشقۇرۇش مېخانىزمى، تەدبىر ـ چارە، باھالاش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى شى، شەھەرلەرنىڭ تېخىمۇ زور زېھنىي كۈچىنى تۈر قۇرۇلۇشىغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، «ھەممىدە تۈرنى كۆزلەش، ھەممىدە تۈرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىش، ھەممىدە تۈرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش»تەك قويۇق كەيپىيات ياراتتى. ھەرقايسى شى، شەھەرلەر «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا بىرلەشتۈرۈپ تۈرلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور سىياسەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، چوڭ تۈرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى تۈرلەرنى پائال قۇردى.
2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، بىڭتۇەن 12 ـ شى «1 ـ ماي» دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى «يىلىغا 200 مىڭ توننا سۈت مەھسۇلاتىنى پىششىقلاش تۈرى» قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئاپتوموبىللار كىرىپ ـ چىقىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى بىڭتۇەن 12 ـ شىدا جەمئىي 62 مىليارد 858 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 138 مۇھىم، زور تۈردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 2023 ـ يىلى 8 مىليارد 544 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى. «بىز شى رەھبەرلىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈر، نۇقتىلىق كارخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەر ئايدا نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەركەزلىك <كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ>، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتىمىز» دېدى بىڭتۇەن 12 ـ شى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي لى بىن.