تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئاممىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىدە داۋاملىق يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى پۈتۈش

− بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

قار ـ مۇزلۇق دالىدا، بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى خۇاشيا زېمىنىدا ئەۋج ئالدى.

«300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا، جۇڭگو بۇ ۋەدىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلدە كۆرسەتتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلغاندىن كېيىنكى بىر يىلدا، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرى كەينى ـ كەينىدىن ئاۋامغا ئېچىۋېتىلدى، قار ـ مۇز مۇسابىقىلىرى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى، قار ـ مۇز كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئومۇمىي خەلقنىڭ قار ـ مۇز قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «300 مىليون كىشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش» رېئاللىققا ئايلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش دۆلىتىمىز قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى شەنخەيگۇەندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ، جۇڭگونىڭ، ھەتتا يەرشارىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە. ھەربىر مەيدان مۇسابىقە، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان ھەربىر چىراي، بۇ قىزغىن دولقۇندا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈردى، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى، دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تېررىتورىيەسىنى ئۆزگەرتتى.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرى ھەممە ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزدى

توشقان يىلى كىرىشى بىلەن، 11 ياشلىق جاڭ چيەنيۈ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى دۆلەت تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيى «بىڭسىدەي»نىڭ رېكورت تېمىغا يازدى. بۇ، ئىلگىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش رېكورتىنى بۇزغان ماھىرلارغا مۇسابىقە مەزگىلىدە بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن بۇ شەرەپ ئادەتتىكى مۇز تېيىلىش ھەۋەسكارىغا مەنسۇپ بولدى.

جاڭ چيەنيۈ «بىڭسىدەي» شەھەر ئاھالىلىرى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر B گۇرۇپپىسىدا 1 ـ لىككە ئېرىشكەن بولۇپ، باشقا توققۇز نەپەر شەھەر ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە ئىسمى «تامغا» يېزىلىش شەرىپىگە ئېرىشتى. «پۇقرالارغا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى مۇسابىقە يولىدىكى باش قەھرىمانغا ئايلاندۇرۇش بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق» دېدى بېيجىڭ دۆلەت تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېڭ شۇجيې چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەتتە يىلدا بىر خەنجەرنى تاۋلاپ چىقىپ، جاسارەت بىلەن يەنە ئاتلاندۇق. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلانغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت. بىز پائال پىلانلاپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مەيدان ـ سارايلىرىنىڭ ھەممىسى ئاۋامغا ئېچىۋېتىلدى، نۇرغۇن ئولىمپىك ھېكايىلىرى بارلىققا كەلگەن بۇ جايلاردا قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى پۇخادىن چىققۇچە مۇز تېيىلىپ، ئۆزىگە خاس ھېكايىلەرنى يازماقتا.

شوۋگاڭ قار تېيىلىپ پەشتاقتىن سەكرەش مەيدانى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. كىشىلەر «قار تېيىلىش چەمبىرىكى»گە ئولتۇرۇپ، سەكرەش پەشتىقىدىن پەسكە تېيىلىپ، سۇ يىمىڭ، گۇ ئەيلىڭ چېمپىيون بولغان چاغدىكى تۇيغۇنى ھېس قىلدى.

دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى «شۇيلىفاڭ»دا، «مۇز ۋە سۇ تەنھەرىكىتىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش» رېئاللىققا ئايلاندى، مۇز چەينەك مەيدانى بۇ يىل 1 ـ ئايدا ئاۋامغا ئېچىۋېتىلدى، ئاساسلىق مەيدان ـ سارايلار داۋاملىق سۇ ئۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قوشۇمچە مەيدانىدىكى 34 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قار ـ مۇز باغچىسىدا، ئېگىز پەشتاقتىن قار تېيىلىش، قارلىق دالىدا موتوسىكلىت ھەيدەش، قار ئۈستىدە ئۇچار تەخسىدە تېيىلىش قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى.

يەنچىڭدا «شۆيوۋلۇڭ»غا بېرىپ پولات جازىلىق قار چانىسىنى ھېس قىلىش، «شۆفېييەن»گە بېرىپ شياۋخەيتوشەن تېغىدىن ھۇزۇرلىنىش، قىشلىق ئولىمپىك كەنتىگە بېرىپ «چېمپىيونلار ياتىقى»دا قونۇش ساياھەتچىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

بۇ يىل باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەنچىڭ رايونى جەمئىي 758 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بۇ، بېيجىڭ شەھىرى يېزا ـ كەنت ساياھىتى بويىچە كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %57ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رايونى»نىڭ ماركا ئېففېكتىنى نامايان قىلدى. «يەنچىڭ قار ـ مۇز ئىستىراھەت ساياھىتى، دالا تەنھەرىكىتى ساياھىتى، يېزا ـ كەنت دەم ئېلىش ساياھىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، <ئەڭ گۈزەل قىشلىق ئولىمپىك شەھىرى> قۇرۇپ چىقىدۇ» دېدى يەنچىڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى رېن جياڭخاۋ تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

خېبېي چۇڭلىدا، يۈندىڭ قار تېيىلىش باغچىسى پاراللېل چوڭ ئايلىنىش، توسۇقتىن ئۆتۈپ قوغلاپ يېتىش قاتارلىق تۆت مۇسابىقە يولىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاممىنى «چېمپىيونلار مۇسابىقە يولى»دا قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى؛ دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزى «شۆرۇيى» باھار بايرىمىدىن بۇرۇن بېلەتسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئېچىۋېتىلدى، ھەر كۈنى كەچتە چىراغ كۆرگەزمىسى، تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنلىرى قىزىپ كەتتى.

ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرى يەنە كۆپ تۈردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسابىقە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، «بەرداشلىق بېرىدىغان، مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان» تەرەققىيات ئەندىزىسى روشەنلەشتى.

بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ ۋېن مۇنداق دېدى: بېيجىڭ نۆۋەتتە 80دىن ئارتۇق مۇز مەيدانى، 30دىن ئارتۇق قار مەيدانى ھەم مول قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىغا ئىگە، كەلگۈسىدە كەسپىي مۇسابىقە، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى، تەنتەربىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش قاتارلىق بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرىنىڭ تۆت پەسىلدە تىجارەت قىلىپ ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ.

خېبېي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ بياۋ مۇنداق بىلدۈردى: خېبېي ئۆلكىسى تۈرلۈك بايلىقلارنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، نۇقتىلىق ھالدا مۇسابىقە ئىشلىرى، مەشىق، تەربىيەلەش، پائالىيەتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە جاڭجياكوۋنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە ئىشلىرى، كەسپىي مەشىق، پەن تەتقىقات بويىچە تەربىيەلەش، ئاممىۋى پائالىيەت بىر گەۋدىلەشكەن دۇنياۋى قار تېيىلىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرىدىن مۇسابىقىدىن كېيىن پايدىلىنىشنىڭ خەلقئارا ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ.

ئاممىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تېخىمۇ تولۇق بولۇش، تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق كۈچ چىقىرىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

− قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى بۇ بىر يىلدا، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى سىجىل جانلىنىپ بۇرۇنقىدەك مودىغا ئايلاندى.

مەملىكەتلىك ئاممىۋى قار ـ مۇز پەسلى 9 ـ نۆۋەتكە كەلدى، پائالىيەت بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇ يىل 4 ـ ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ھەرقايسى جايلار ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا ئاساسەن تەشكىللىگەن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرى 1499 تۈرگە يېتىدۇ.

خېيلۇڭجياڭنىڭ خاربىندا، نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئۆي سىرتى تېمپېراتۇرىسى كىشىلەرنىڭ مۇز تۇتۇپ كەتكەن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدا قارلىق دالىدا لەگلەك ئۇچۇرۇش، مۇز توپ ئويناش، قارلىق دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىش، قار ـ مۇز تېيىلىش يولىدا تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەردىكى ئويۇنلارنى ئوينىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

بۇ يىل باھار بايرىمىدا، جىلىن قار ـ مۇز بازىرىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى − ۋەندا چاڭبەيشەن خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئۇدا ئۈچ كۈن 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛ جىلىن شەھىرى بېيداخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ زاكاز تالونى 2019 ـ يىلىدىكىدىن 16 ھەسسە ئاشتى؛ باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن %18.1 ساياھەتچى %68.9 ساياھەت ئىستېمالى ياراتتى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېردا، جەنۇبتىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى قار ـ مۇز نادام بايرىمى ھەم خۇلۇنبېر قىشلىق ئەزىمەتلەر يىغىلىشىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، «قار ـ مۇز+خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى»نىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

مېيىپلەر توپىمۇ قار ـ مۇز شادلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى. بۇ ئايدا، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو مېيىپلەر قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى پەسلى خاربىن، نەننىڭ، جىلىن قاتارلىق جايلاردا قانات يايدۇرۇلدى. «گەرچە كۆزۈم كۆرمىسىمۇ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قارلىق دالىدا ئارغامچا تارتىشسا بەك قالتىس بولىدىكەن.» كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر ماھىرنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. «بۇ، مەن ئىلگىرى قاتناشقان پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىكەن، قار تېيىلىش تەسىراتى ھەقىقەتەن قالتىس بولىدىكەن» دېدى گۇاڭشىدىن كەلگەن مېيىپلەر ۋەكىلى شېن لىنلى كۈلۈپ تۇرۇپ.

− قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى بۇ بىر يىلدا، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى «جەنۇبقا ئۇزارتىش، غەربكە كېڭەيتىش، شەرقتىن كىرگۈزۈش» سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

«بۈگۈنكى كۈندە كۇنمىڭدا بالىسىنى مۇز تېيىلىش دەرسىگە تىزىملىتىدىغان ئاتا ـ ئانىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمراھ بولغان ئاتا ـ ئانىلار دەسلەپكى ۋاقىتتىكى كۆرۈپ بېقىشتىن، كېيىنكى ۋاقىتتىكى مەشىق قىلىشقىچە، چۇنچېڭدا مۇز تېيىلىدىغان ئادەم سانىنىڭ 11 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 196 مىڭ ئادەم قېتىمغا كۆپىيىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى» دېدى يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لياڭ ۋېي.

سىچۇەن ئابا ئوبلاستى جېگۇشەن تەبىئىي باغچىسى قار تېيىلىش مەيدانىدا، سىچۇەن ئۆلكىسى 5 ـ نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قار ـ مۇز پەسلى باشلاندى. ئارقىدىنلا، داجوۋ، گۇاڭيۈەن، چېڭدۇ بەس ـ بەستە ئاۋاز قوشۇپ، ئۈچ ئايلىق پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، ماھارەت مۇسابىقىسى، ئاتا ـ ئانا بىلەن پەرزەنت بىللە ھېس قىلىش ئويۇنى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نىڭشيا يىنچۇەن شەھىرى يۆخەي قار تېيىلىش مەيدانى «يۇقىرى پەللە»نى كۈتۈۋالدى، بىر كۈنلۈك ساياھەتچى ئېقىم مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 7000چە ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، تىرېنېرلار «يېتىشەلمەي» قېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ھازىرغا قەدەر، قار تېيىلىش مەيدانى 170 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىپ، 9 مىليون 770 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، ئەتراپتىكى 200گە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

گۇاڭدۇڭدا، مۇز توپ ئويناش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تۇنجى قېتىم ئۆلكىلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە ئايلاندى، جەمئىي سەككىز شەھەردىن 364 نەپەر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى، يەتتە شەھەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقتى.

خۇبېي يىچاڭ، جياڭسۇ چاڭجوۋ، چۇڭچىڭ نەنچۇەن، گۇاڭشى نەننىڭدا... قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ تەنتەربىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش يېڭى نام كارتىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بۇرغىسىنى چالدى.

− قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى بۇ بىر يىلدا، تېخىمۇ كۆپ رايونلار قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەمىنى تېتىپ، بەس ـ بەستە ئۇنى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزدى، تېخىمۇ كۆپ ئاددىي پۇقرا «قار ـ مۇز تامىقى» يېيەلەيدىغان بولدى.

قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزىشىغا ئەگىشىپ، شەنشى تەيبەي ئاۋشەن قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كۈنسېرى ئاۋاتلاشتى، قار تېيىلىش مەيدانىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان ناھىيە بازىرى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى. «ئەتراپىمىزدا ھازىر 400دىن ئارتۇق يېمەك ـ ئىچمەك دۇكىنى، 40 نەچچە ئاممىۋى مېھمانخانا ۋە 20 نەچچە مېھمانساراي بار. قار تېيىلىش مەيدانى يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، 500دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ %80ى شۇ جايدىكى دېھقانلار بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ئىلگىرى نامرات ئاھالە ئىدى» دېدى تەيبەي ئاۋشەن قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ باش مۇدىرى جىلىجياڭ.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن بۇيان، خۇبېي ئېنشى لۈسۇڭپو قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى ئىقىم مىقدارى 4000 ئادەمدىن، بۇ قار پەسلىدە ساياھەتكە كەلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى 60 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمىنىڭ 100 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بارغانسېرى كۆپ شىنىڭلىقلار قار تېيىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن ياغاچچى باۋ شىپېڭ كەسپىنى ئۆزگەرتىپ چاڭغا رېمونتچىسىغا ئايلاندى. باھار بايرىمى ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا، باۋ شىپېڭنىڭ زاكاز تالونى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، «كۇلۇب قۇرۇلغاندا پەقەت 60 ئادەم بار ئىدى، بۇ يىل قار پەسلىدە كۆپىيىپ 1400 ئادەمگە يەتتى. قار تېيىلىش كەيپىياتى قويۇقلاشتى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېخنىكىسى ياخشىلاندى، چاڭغا ئاسراش ئىشلىرى كۆپەيدى» دېدى باۋ شىپېڭ.

«300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» رېئاللىققا ئايلىنىپ، قار ـ مۇز ئىقتىسادىنى يەنىمۇ جانلاندۇردى. «قار ـ مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قار ـ مۇز «سوغۇق بايلىقى» ھەرقايسى جايلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلاندى، نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار ـ مۇز كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەخسۇس سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى. 2022 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن تارماق بىرلىكتە «دالا تەنھەرىكىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى (2022 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، «شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال ئۆزئارا ماسلاشقان، ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان، مۇز ئۈستى، قار ئۈستى ئارقىلىق ماس ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قار ـ مۇز بازار سۇبيېكتلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى رېن خۇڭبىن مۇنداق بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ قار ـ مۇز كەسپى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، رەقەملەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكە بولۇشى، پەن ـ تېخنىكىنىڭ تۈرتكە بولۇشى، مەدەنىيەتنىڭ تۈرتكە بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆرگەزمە، ساياھەت، جابدۇق، مۇسابىقە قاتارلىق قار ـ مۇز كەسپى پۈتۈن كەسىپ ھالىتىنى جانلاندۇردى، كەلگۈسىدە «قار ـ مۇز+» ئىشلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېففېكتىنى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندۇرىمىز.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى

جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ۋە تەرىپلەشكە ئېرىشتى.

2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش. كەلگۈسىگە يۈزلىنىش − بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات دوكلاتى (مۇسابىقىدىن كېيىن)» ۋە «بېيجىڭ 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرى دوكلاتى (مۇسابىقىدىن كېيىن)» ئېلان قىلىندى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم خەلقئارا نۇسخىسىنى ماس قەدەمدە ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھۆكۈمەت تور پونكىتىنىڭ باش بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى ماختىدى.

بۇ نەتىجە قەغىزى جۇڭگو قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىزاھلىنىشى.

ماقالىدە مۇنداق يېزىلدى: «بېيجىڭ تۇنجى قوش ئولىمپىك شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى كىشىلەرگە بىر نۆۋەتلىك قالتىس قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 350 مىليونغا يېقىن جۇڭگولۇقنى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك جەلپ قىلدى» «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىراس نەتىجىلىرى خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى، بارلىق ئولىمپىك مەيدان ـ سارايلىرى بىردەك ئاۋامغا ئېچىۋېتىلدى» «جۇڭگو جەمئىيىتى، ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى، مەسىلەن، مۇسابىقە رايونىدىكى ئاھالىلەر تەخمىنەن 81 مىڭ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشتى» «سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بېيجىڭ بارلىق كۈچى بىلەن مەيدان ـ سارايلارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. ئىلگىرىكى زاۋۇت ئۆيلىرى، ئامبارلار ۋە سودا ئىمارەتلىرى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى مەيدان ـ سارايلىرىغا ئۆزگەرتىلدى» قاتارلىقلار.

چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، ماھىرلىق بىلەن يىراق كەلگۈسىنى پىلانلىدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كرىستوف دۇبىنىڭ نەزەرىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولى ئىنتايىن قىممەتلىك.

دۇبى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل ئاددىي پۇقرالارغا قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەم تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش بولدى.

خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جون ئېلىئاش مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار ـ مۇز كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ئاز ساندىكى ئاممىدىن كۆپ ساندىكى ئاممىغا، رايوندىن پۈتۈن مەملىكەتكە، قىش پەسلىدىن پۈتۈن يىلغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ نىشانىمىز قار تېيىلىشنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، كىشى قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان تەنھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش. بىز جۇڭگودا پۇرسەتنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق».

ئەنگلىيە «مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى» تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى مىراسلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ياپونىيە گۇڭتۇڭ ئاگېنتلىقى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرى «نياۋچاۋ»غا قايتا كېلىش، شەھەر ئاھالىلىرى ئېگىز تاغدىكى قار تېيىلىش مۇسابىقە مەيدانىدىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلىدى.

خېيلۇڭجياڭ قار ـ مۇز كەسپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ گۇيخەي مۇنداق قارىدى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگونىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئاقارتىش ۋە يۈكسىلىش، ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتى كىشىلەرنى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى قىزىقىش دەپ بىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى كەسىپ دەپ بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو يەنە داۋاملىق ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.» يۈننەن داشۆ تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار ـ مۇز تېيىلىشقا باشلىدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد گۈللىنىشىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قوشقان غايەت زور تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ئىلگىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، جۇڭگو بىر قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى دۆلىتى. بۇ قالتىس مۇۋەپپەقىيەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئەندىزىسىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىدۇ».

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى پەيتىدە، باخ سىنلىق سۆز قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىشلىق تەنھەرىكەت دۇنيا تېررىتورىيەسىنى كېڭەيتتى دەپ يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى» «يەرشارى بويىچە 2 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقىنى كۆردى» «مەيدان ـ سارايلار ئاۋامغا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى» «ئولىمپىك تارىخىدىكى رەقەملىك قاتنىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولدى» دېگەندەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، مول قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

تاغ قانچە ئېگىز بولغانسېرى تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، ئارزۇ قانچە گۈزەل بولغانسېرى ئۇلۇغۋار پىلاننى شۇنچە ياخشى تۈزىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن مىللەتنىڭ تەن ساپاسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيەنىڭ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيەنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تەنتەربىيە پەن ـ تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلغاندىن كېيىنكى بۇ بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، ساغلام جۇڭگو ۋە تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۆلچىمىدە بارغانسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى.

«ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، جۇڭگو چەكسىز پەخىرلىنىشكە ھەقلىق؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، جۇڭگو تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇشقا تېگىشلىك!» بۇ، باخنىڭ بىلدۈرگەن ھۆرمىتى، شۇنداقلا جۇڭگودىن كۈتكەن ئۈمىدى.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېسىل سەھىپىلەر داۋاملىق پۈتۈلمەكتە. قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ ئۆركەشلىمەكتە.

(يازغان مۇخبىرلار: يۆ رەنرەن، لىن دېرېن؛ قاتناشقان مۇخبىرلار: لى چۇنيۈ، ياڭ فەن، ۋاڭ جۈنباۋ، ياۋ يوۋمىڭ، جاڭ يىفېي، لى ديەن، ما سىجيا)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.