تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش دولقۇنى مەۋج ئۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، بۇ دەل سودىگەر چاقىرىش پەيتى.

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش − تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەنبە ئېقىن سۈيى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش». يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، «تۇنجى قەدەمدىلا ئاتاكىغا ئۆتۈش، باشلىنىشىدىلا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش»تىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى قويۇپ بەردى.

سودىگەر چاقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش شۆبە ئەترەتلىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان تۈرلەرنى ئېلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ كېڭەشتى ۋە تونۇشتۇردى؛ ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى تۈركۈم - تۈركۈم مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار، تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئەتىيازنىڭ سوغۇقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش دولقۇنىنىڭ مەۋج ئۇرۇشىنى توسۇيالمىدى.

كەسىپنى تايانچ قىلىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇش

باھار بايرىمى ئاياغلىشىپلا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى.

ئالتاي ۋىلايىتى جياڭشى جىسۇن لىتىي كەسپى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى كەسپىنى چۆرىدەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 11 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتاينىڭ يېشىل كانچىلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاشقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى؛ دۇڭفاڭ شىۋاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالتاي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، تەخمىنەن 46 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر، بىيو كەسپى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ قۇرىدۇ؛ جېمىنەي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى گۇاڭجوۋ جياڭنەن يېزا ئىگىلىك (گۇرۇھى) تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جېمىنەي خەلقئارا سودا شەھەرچىسى تۈرىنى ئورتاق ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش خەلقئارا سودا يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ...

«ھازىرغىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىل ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 57 مىليارد يۈەنگە يەتتى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ سۇخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە چوڭ ساياھەت، چوڭ يېزا ئىگىلىكى، چوڭ ساغلاملىق، يېشىل كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە پورت ئىقتىسادى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى زىچ چۆرىدەپ دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا «تۇنجى ئىشنى ياخشى باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىن ئۆمەك شەكلىدە، زەنجىرسىمان، توپلىشىپ يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىمىز، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار، جەمئىيەت كاپىتالى ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

ئىككى كۈندىن بۇيان، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرى بەس - بەستە شىنجاڭغا كېلىپ، تۈر ھەمكارلىقى ۋە ماكانلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىش ئىشلىرىنى ئۇدۇللاشتۇردى...

«سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتقاندىلا، تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتىدا ئىشەنچىمىز، غەيرىتىمىز ۋە ھاياتىي كۈچىمىز بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ شېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىنى تۈزۈش، ئېلان قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق كۆرگەزمە، يەرمەنكىلەردە ئىچكى - تاشقى مەبلەغ سودىگەرلىرىنى چاقىرىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، «دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» ۋە «ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جايلارغا كېلىش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پائال قولغا كەلتۈرىدۇ.

سۇپىنى تىرەك قىلىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇش

باھار بايرىمىدىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپى بىلەن شىنجاڭ شىنچاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاقىل سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسى تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ تۈردە 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شۇ جايدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىرگەۋدە قىلغان بىر كۇنۇپكىلىق، كۆرگىلى بولىدىغان، رەقەملەشكەن تىجارەت باشقۇرۇش - مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇش پىلانلاندى.

سودىگەر چاقىرىش سۇپا - ۋاسىتىلىرى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك. بۇلتۇر، ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرغانىدى، ئۈچ ئايدىلا كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى 126 مىليارد يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق تۈرلەر بويىچە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتىدە، نەق مەيداندا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 69 مىليارد 555 مىليون يۈەن بولدى، قىسمەن تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىۋاتىدۇ. ھازىر، بۇ مەركەز 2 - قېتىملىق تۈرلەر بويىچە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا پائال تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ مىڭپىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېلىشىم ئىمزالاش، گۇۋاھنامە، كىنىشكىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق تۈرلۈك فۇنكسىيەلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «ئالدىنقى سەپتىكىلەر تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ سودىگەر چاقىرىش - سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى - تۈرنى ئۈستىگە ئالغان ناھىيە (شەھەر)»دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەم ئورتاق بەھرىلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرنى كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش، ماكانلىشىشقا پۈتكۈل جەريانلىق ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقسۇغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن كارخانىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز، ئۇلارنى ياخشى قوبۇل قىلىمىز.

سىرتقا چىقىپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۈرلەرنى پائال پىلانلاش ۋە تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يەنە سودىگەر چاقىرىش شۆبە ئەترەتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ كېڭىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئەۋەتتى، كارخانىچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىش شۆبە ئەترەتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىشقا كەينى - كەينىدىن ئەۋەتىپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ سودىگەر چاقىرىشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، «نۇقتىدا تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش + شۆبە ئەترەت سودىگەر چاقىرىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سىرتتا تۇرۇشلۇق سودىگەر چاقىرىش شۆبە ئىدارىسىدىن 14نى تەسىس قىلىپ، شۆبە ئەترەتلەرنى سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىشقا 28 تۈركۈم قېتىم تەشكىللەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماسلىق، ھەر ھەپتىدە كېلىشىم ئىمزالاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھازىرغا قەدەر، ئىلى ئوبلاستى جەمئىي 51 سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالاش ئومۇمىي سوممىسى 31 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر بىيو تېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە، ئورگانىك ئاشلىق - ياغ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلدى.

ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شى پەن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ، ۋۇخەن، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنى ئۆمەك تەشكىللەپ ئىلىغا تەكشۈرۈشكە كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئىلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

سىياسەت ئارقىلىق جەلپ قىلىپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇش

«ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 50 تۈرلۈك تەدبىرى ئېلان قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش خىزمەت لايىھەسى ئېلان قىلىندى، ئۈچ تۈرلۈك قاتناش باشقۇرۇش كەسپى يېڭى تەدبىرى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى...

مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قانۇن ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، بازار قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنى زېھنىنى يىغىپ ئوقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، تەرەققىياتنى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاقسۇ تيەنشياڭ ئائىلىۋى بۇيۇملار توقۇمىچىلىقى چەكلىك شىركىتى پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلغان كارخانا بولۇپ، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىسى دەپ بېكىتىلگەن. بۇ كارخانا ئىلگىرى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

بۇ يىل، بۇ كارخانا يېڭىدىن 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش تۈرىنى كۆپەيتىپ، ئىشلىگۈچىلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) كارخانىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىدىن ئىشچى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

«كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ پايدىسىدا، كارخانا خادىملىرى مۇقىم بولدى، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ فېڭ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، پۇقراۋى كارخانىلار بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان، چەت ئەل كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

2 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، يىلىغا 300 مىڭ توننا بىيودېزىل مېيى ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئېلىپ كەلگەن گۇيجوۋ جىنجياڭ بىيوئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جيا يوۋچۇن قاراماي شەھىرىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە كېڭەشتى.

قاراماي شەھىرى «بىر ئاساس، كۆپ مەنبەلىك» زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىۋاتىدۇ.

«بىيودېزىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، قاراماي بايلىق، رايون ئورنى، كەسىپ ۋە ئىختىساسلىقلار جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، تۈرلەرگە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مۇمكىنچىلىك دوكلاتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدە تۈرنى ماكانلاشتۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جيا يوۋچۇن.

باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، تۇنجى قەدەم كېيىنكى مۇساپىنى بەلگىلەيدۇ.

باھارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئېچىۋېتىش - ئېچىش يېڭى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.