تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يولۇچى توشۇش ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدىن ھەرىكەتچان شىنجاڭغا نەزەر

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 2023 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. 40 كۈندە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جەمئىي يولۇچى توشۇش مىقدارى 14 مىليون 929 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

يولۇچىلار ئېقىمى ئاشتى، قاتناش راۋان بولدى

«باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭغا قار تېيىلغىلى باردىم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئولتۇرغان پويىزىمىزمۇ توردا ئالقىشلانغان پويىز ئىكەن». 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن چاڭشالىق ساياھەتچى شۈ شيا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى. ئالتاي» ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، بىر قېتىملىق قولايلىق، خۇشاللىققا تولغان سەپەردىن ھۇزۇرلاندىم.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قاتنىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت پويىزى «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى. ئالتاي» ناملىق پويىزنىڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئوتتۇرىچە بېلەت سېتىلىش نىسبىتى %95تىن ئاشقان، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشقان.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگۈچىلەر مەخسۇس پويىزى − لەنجوۋدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان T3295 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز 956 ئىشلىگۈچىنى ئېلىپ، ئاخىرقى نۇقتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. باھار بايرىمىدىن كېيىنكى يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، زور تۈركۈمدىكى ئىشلىگۈچىلەرگە ئوقۇغۇچىلار قوشۇلۇپ شىنجاڭغا كەلدى، توشۇش كۈچى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى باھار بايرىمى ئاياغلاشقاندىن تارتىپ 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە لەنجوۋ، شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق قىزىق لىنىيەلەردىن شىنجاڭغا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان يولۇچىلار پويىزىدىن 60نى كۆپەيتىپ يولغا سېلىپ، «بىر كۈندە بىر يۈرۈش خەرىتە بولۇش» بويىچە توشۇش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا سەپلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 92 مىڭ 400 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى.

بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.4 ئاشتى. خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى كۈچەيدى، يولۇچىلار ئېقىمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

قارامايدا ئاپتوموبىل بېزەش دۇكىنى ئاچىدىغان شۈ جەنكۇي بۇ يىل باھار بايرىمىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ۋوگزال ۋە ئايرودۇرۇمدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ جاڭيېدىكى يۇرتىغا قايتىشنى تاللىدى. «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئۈچ سائەتتىلا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئەھۋالى ياخشى، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىمۇ تېز بولۇپ، ئىككى كۈندىلا يۇرتۇمغا يېتىپ بارالايمەن، كەينى كوزوپقا ۋاكۇئۇملۇق ئورالغان جياۋماجى، داپەنجىنى لىققىدە قاچىلىۋالدىم.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنداق بولغاندا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى يۇرتقا كۆپرەك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىدا قاتنىغان ئاپتوموبىل ئومۇمىي مىقدارى 61 مىليون 207 مىڭ، ئاپتوموبىللارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 530 مىڭ، تاشيولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 692 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولغان، ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.

«قارا ئالتۇن» «ئاق مال» شىنجاڭدىن چىقىش بىلەن ئالدىراش بولدى

يولۇچىلار ئېقىمى كۆپىيىپلا قالماي، كۆمۈر، خىمىيەۋى ئوغۇت، مېتال رۇدىسى، خىمىيە سانائىتى، پاختا يىپ قاتارلىق ئاممىۋى ماللارنىڭ توشۇلۇش مىقدارىدىمۇ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 30405 - قېتىملىق يۈك پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، 45 ۋاگوننى سۆرەپ، 1440 توننا پاختا يىپنى ئېلىپ، 5000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇاڭدۇڭ فوشەندىكى سەنشۈي غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ، شىنجاڭ قەشقەردىن گۇاڭدۇڭ فوشەنگە بارىدىغان تۇنجى پاختا يىپ مەخسۇس پويىزى.

باھار كىرىشى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلدى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىسى، پاختا يىپى قاتارلىق «ئاق مال»لارنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئېھتىياجى ئاشتى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قەشقەر يۈك توشۇش مەركىزىمۇ بازار ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ توشۇش كۈچى ۋە ئۈسكۈنە سېلىنمىسىنى كۈچەيتىپ، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان توشۇش لايىھەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ماللىرىنى جەنۇبقا توشۇشقا كۈچ قوشتى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەمئىي 26 مىليون 460 مىڭ 900 توننا يۈك توشۇغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.09 ئاشقان، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئالدىراش يۈك چۈشۈرۈش مەنزىرىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق مۇھىم تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلاردىلا ئەمەس، شىمالىي شىنجاڭدىكى «قارا ئالتۇن» توشۇش چوڭ يولى − ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدىمۇ نامايان بولدى. 1 - ئايدا، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدا بىر كۈندە قاتنايدىغان جۈپ پويىز سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 94 جۈپكە يېتىپ، توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى توشۇشنى كۈچلۈك قوللىدى، شۇ ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 4 مىليون 826 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.5 ئاشتى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى پىلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيەنفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 مىڭ 879 ۋاگون يۈك قاچىلىنىپ، يەككە كۈندە ۋاگونغا 11 قېتىم يۈك قاچىلاشتەك يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇش، ئىگىلىگەن لىنىيە بىرقەدەر كۆپ بولۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىگە يۈك توشۇلىدىغان ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە يۈك توشۇلىدىغان ۋاگونلارنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مال قاچىلانغان ۋاگونلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، «بىر ئاساسىي، ئىككى قانات» يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېز قاچىلاش، تېز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توشۇش كۈچى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى، يېشىل يول ئېچىپ، تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنىڭ تېز يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى 15 مىڭ 300 توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىنى تاماملىدى، بۇ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %107.8ىگە توغرا كەلدى.

مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، قەلبلەر تېخىمۇ ئىللىدى

«ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى» بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ بىرى بولدى.

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدە، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئېكران ۋە پوكەي ئەسكەرتىش تاختىسىدا قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ «قار تېيىلىش سايمانلىرى مەخسۇس پوكىيى»دە ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ئەسكەرتىلگەنىدى. پورتقا كىرگەن - چىققان يولۇچىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ۋاكالىتەن توشۇش، ۋاكالىتەن ئېلىش، يۈك - تاق ئەۋەتىش قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مۇلازىمەت مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى يۈك - تاق كۆتۈرۈش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپ، سەپەرگە چىقىش خۇشاللىقىدىن تېخىمۇ ئازادە بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى يولۇچىلار مۇلازىمەت بۆلۈمى يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۈن بو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، ئايروپورت كېچىكىپ كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدارلار، تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار قاتارلىقلارغا قارىتا ئالاھىدە پوكەينى تەسىس قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ راۋان سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتلەندۈردى، ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىدائىيلار يولۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىشى، سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى. چىرايىنى تونۇتۇپ تېز سۈرئەتتە ئايروپىلانغا چىقىش، چاقلىق ئورۇندۇقلۇق يولۇچىلار «بىر كۇنۇپكا بىلەن چاقىرىش» مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىپ، «ئەقلىي ئىقتىدار» ئارقىلىق «سۈپەت»نى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ راھەت سەپەرگە چىقىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى.

ياشلار ئاقىل سەپەرگە چىقىشتىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، ياشانغانلار توپىمۇ «مەخسۇس» مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، تۆمۈريول تارماقلىرى ئاساسلىق ۋوگزاللاردا «كۈمۈش چاچلىقلار مۇلازىمىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلار ۋە تورغا چىقالمايدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتى ھەم چاقلىق ئورۇندۇق، نوسىلكا قاتارلىق قوشۇمچە سايمانلارنى سەپلەپ، 12306 تور بېكىتىدە ئالدىن كېلىشىپ قويغان ياشانغانلار، يارىدار ۋە ئاغرىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق بېلەت سېتىۋالغان يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا ئالدىن كىرىشىگە ۋە ۋوگزالدىن قولاي چىقىشىغا ياردەم بەردى.

ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شۆسېن مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە گاۋتيې ۋوگزالى كۆپ تۈرلۈك خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈردى، ئۆسمۈرلەر پويىز بېلىتى يېڭى بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆسمۈرلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، بېلەت تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆسمۈرلەر مەخسۇس پويىز كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىنىپ، تېخىمۇ ئىللىق، ئازادە پويىز كۈتۈش مۇھىتى يارىتىلدى.

ھەممە يەرگە تۇتاشقان تاشيول تورىمۇ ئوخشاشلا باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. «بىز كۆپ تۈرلۈك خەلققە قولايلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش كاپالىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدۇق، مەسىلەن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىققاندا <شىنجاڭ e راۋان سەپىرى> ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئەمەلىي يول ئەھۋالىنى ئالدىن ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.» شىنجاڭ ئۇلانباي شىمالىي باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى زۇلخۇمار ئىسكەندەر مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەق ئېلىش پونكىتى يېنىدىكى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت نۇقتىسى يەنە سەپەرگە چىققۇچىلارنى ۋاقىتلىق دەم ئېلىش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سەپىرىنى تېخىمۇ تىنچ، راۋان، كۆڭۈللۈك شارائىتقا ئىگە قىلدى.

كىشىلەر سەپەرگە چىقىش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىدىن بەھرىلەندى، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يېڭى بىر يىلدىكى باھار مۇقەددىمىسى مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، ئۇرغۇپ تۇرغان باھار دولقۇنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.