تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشايلى

□شىن شىجيەن

ئەتىيازنىڭ سوغۇقى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايوننى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئورتاق تونۇشى ۋە بىردەك ھەرىكىتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونىنى ياخشى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا تىرەك بولىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ، ناھايىتى زور دەرىجىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىگە باغلىق؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئاساس قىلمىغاندا، يېڭىلىق يارىتىشتا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كەمچىل بولىدۇ. جەزمەن قانۇنچىللىقنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدايدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن - تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى سىياسەت، مۇلازىمەت، تىرەك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى پۈتۈن جەرياندا ئۆستۈرۈش كېرەك.

تىجارەت - سودا مۇھىتى − بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق − ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ياراتقانلىقتۇر. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، بىردەك ئوخشاش كۆزدە قارايدىغان، ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئېتىبارسىز قارايدىغان قىلمىشلارغا قىلچە يول قويماي، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، جەمئىيەت ئاممىۋى پىكرى دىققەت قىلىۋاتقان، ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىق قىلىش كۆپ يۈزبېرىۋاتقان نۇقتىلىق ساھە ۋە رايونلاردا قاتتىق زەربە بېرىش، تەلتۆكۈس تۈزەش، دەل جايىدا چۆچۈتۈش كېرەك.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىجاد قىلىش مەنبە، ئىشلىتىش مەقسەت. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەرەققىيات مۇھىم ئامىلى، تەرەققىيات بايلىقى بولۇش قىممىتى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. بۇ بىزدىن مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايوننى ياخشى قۇرۇش دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ. بىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەۋقەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يارىتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە قوغداش، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.