تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ تېز يېتىشىۋېلىپ، ئورتاق قۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايوننى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى​

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ تېز يېتىشىۋېلىپ، ئورتاق قۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك

​ما شىڭرۇي، شېن چاڭيۈ سۆز قىلدى   ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى   لى يىفېي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايوننى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شېن چاڭيۈ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەۋقەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يارىتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە قوغداش، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن - تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى سىياسەت، مۇلازىمەت، تىرەك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى پۈتۈن جەرياندا ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسى سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئەۋزەل بايلىقىنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، تىجارەت مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش بىلەن كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، بىردەك ئوخشاش كۆزدە قارايدىغان، ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە يولغا قويۇشى، يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شېن چاڭيۈ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچىنى قوشىمىز. دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىغا تىرەك بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز. رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنى شارائىتقا قاراپ بېكىتىپ، ئورتاق قۇرۇش ۋەزىپىسىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆپ تايىنىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق، تۈر، سىياسەتنىڭ شىنجاڭغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشتىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىدىغان، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

يىغىندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىم ئىمزالىغان ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە شىنتې ئېنېرگىيە شىركىتى، شىنجاڭ تيەنيې گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، مۇقىيات جارمۇقاممەت، شۈ شيەنيى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ پېڭچى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەن ئورگانلىرى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.