شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك ـ تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلدى.
2022 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتابنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى نۇسخىسىنى نەشر قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتابنى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىغا تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈش خىزمىتىگە توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
پۈتۈن كىتاب «يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى» «سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلى» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى»دىن ئىبارەت تۆت تومغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 860 مىڭ خەتلىك بولۇپ، 455 پارچە سۈرەت كىرگۈزۈلگەن.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى»ناملىق كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەمدە پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇلغان، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇلغان، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى بىلەن ئىلىم ـ پەن روھىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلغان، سىياسىيۋىلىق، ئىدىيەۋىلىك، نوپۇزلۇق، ئىلمىيلىك، ئوقۇشچانلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاشكارا نەشر قىلىنغان ئوقۇشلۇقلار ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋاقىت ئارىلىقى ئەڭ ئۇزاق، مەزمۇنى ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ مۇكەممەل بولغان پارتىيە تارىخىغا دائىر رەسمىي تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىز تىل ـ يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى چەت ئەل ئوقۇرمەنلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.