تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرىنى تېز يېتىلدۈرىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرىنى تېز يېتىلدۈرىدىكەن ۋە زورايتىدىكەن.

«بىز شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز.» 2 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىمۇ پائال قۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ مەركەز شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش» بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى يېڭى يوللارنىڭ بىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ـ ساياھەت نازارىتى يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، نۇقتىلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرىنى جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارغا بېرىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپ زەنجىرىدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرگە قارىتا ئىز قوغلاشنى يولغا قويىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى تۈرىگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي كۈچى بار ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى بايلىقىنى ئېچىش ۋە تىجارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ.

ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى سىجىل يۆلەپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، «ئوتتۇرا، كىچىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىلىرى مۇلازىمەت ئېيى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ـ ساياھەت نازارىتى ھۆكۈمەت تورى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىدا «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ سىياسەت ئۇچۇر مۇلازىمىتى» ئىستونى تەسىس قىلىپ ھەم كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا دائىر سىياسەتلەرگە جاۋاب بېرىش، چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش باغچىسى (بازىسى) قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس ساياھەت تاۋارلىرىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ «ياشلىق باھارىنى يارىتىش» جۇڭگو ياشلار مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىجادىيىتى لايىھەلەش مۇسابىقىسى (شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش مەخسۇس تۈرى) يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ؛ «شىنجاڭ سوۋغىسى» ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ ھەمدە بازار ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تاۋارلىرىنى پائال «سىرتقا چىقىرىش»قا تەشكىللەپ، تۈرلۈك كەسپىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ كۆلىمى سىجىل زورىيىپ، ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2022 ـ يىلى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى جەمئىي 21 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئومۇمىي سوممىسى 45 مىليارد 831 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا 14 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، سوممىسى 14 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ شېنجېندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى تۈرىگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نەق مەيداندا 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى؛ 16 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 11 مىليارد 28 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.